يېقىندا قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، قەشقەر شەھىرىدە ئىلگىرى بىللە مەشرەپ ئوينىغان 16 كىشىدىن 14نەپىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە كۆپىنچىسىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابلىز توختاجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ مەشرەپ ئەھلى، 2014 -يىلى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا ئوينىغان مەشرەپشلىرى سەۋەپلىك «قانۇنسىز توپلىنىش ۋە تەشكىللىنىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2017 -يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر مەشرەپ ئەزالىرىدىن ئابلىز توختاجىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قەشقەردە ئىقتىسادىي، مەمۇرىي ۋە سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان كىشىلەردىن ۋىلايەتلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابلىز توختاجى، جوڭگۇ تېلېگىراف شىركىتى قەشقەر شۆبىسىنىڭ ئىنژېنىرى ئوبۇلقاسىم ئابدۇرېھىم قاتارلىق 16 كىشى بالا ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ تونۇشىدىغان قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئىشلىرى راۋاج تاپقان كېيىنكى يىللاردىمۇ ئۆزئارا تاشلاشماي دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 2014-ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى يىللاردا مەشرەپ ئويناپ، مەشرەپتە يىغىلغان پۇللىرىنى ئۆز ئەتراپلىرىدىكى مۇھتاج كىشىلەرگە ياردەم قىلغان. بۇلارنىڭ تۇتۇلۇشىدىن 3 يىل بۇرۇنقى بۇ ئىش-ئىزلىرى گەرچە قەشقەر خەلقىغە تونۇلغۇدەك دەرىجىدە كەڭ ۋە تەسىرلىك بولمىغان بولسىمۇ، لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى قارا تىزىملىكنىڭ دەسلەپكى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان.
بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ سەزگۈرلىكى، بولۇپمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدىكى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلىرى سەۋبىدىن، مەزكۇر مەشرەپ ھەققىدىكى سوئالىمىز ئاساسەن دېگۈدەك جاۋاپسىز قالدى.
ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، ئابلىز توختاجى ۋە دوستلىرى ئادەتتە جەمئىيەتتىكى جىددىي مەسىلە ۋە ھادىسىلەردىن ئۆزلىرىنى ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن، ئائىلە ۋە خىزمەت ئىشىدىن باشقىغا بەك كۆڭۈل بۆلمىگەن، بوش ۋاقىتلىرىنى ساز-مۇزىكاۋە كۈلكە-چاخچاق بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار پەقەت مەھەللىدىكى بىر قىسىم يۇرت چوڭى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مەشرەپتە توپلانغان پۇللىرىنى، شۇ زاتلارنىڭ قوللىرى ئارقىلىق مۇھتاجلارغا يەتكۈزگەن ئىكەن. 2014-يىلى5 -ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەركەت» قوزغالغاندا، ئۇلار مۇناسەۋەت قىلغان دىنىي زات تۇتقۇن قىلىنغان. شۇ چاغدا ئۇلار بۇ دىنىي زاتلارغا چېتىلىپ بىرقانچە قېتىم سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن مەشرەپ ئويناشنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەشرەپنىڭ دەردىنى تارتىشتىن قۇتۇلالمىغان.
ئۆتكەن ئايدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ خادىمى دەسلەپتە بۇ ئىدارىدە ئابلىز توختاجى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارىدىن بىرقانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم، بۇ ئىدارىدە ئابلىز توختاجى ئىسىملىك بىر كىشى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، 2017 -يىلى 5-ئايدا مەشرەپتىكى 16 كىشىنىڭ ھەممىسى تەڭلا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار بىر يىلدىن ئارتۇق «تەلىم-تەربىيە» دىن كېيىن، پەقەت ئىككىسىلا قويۇپ بېرىلگەن. قالغان 14نەپىرى ئوخشىمىغان مۇددەتتە كېسىۋېتىلگەن.
قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بىر خادىمى قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابلىز توختاجىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتە ۋىلايەتلىك پارتىكومدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئابلىز توختاجى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومېتىتى تەۋە ساقچىخانا خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «ئابلىز توختاجى سوراق داۋامىدا پوزىتسىيەسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا نىسبەتەن ئاز، يەنى 7 يىللىق كېسىلگەن.» ئەمما بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن ئۇنىڭغا كونكىرېت قانداق جىنايەت ئارتىلغانلىقى ۋە قالغان دوستلىرىنىڭ قانچە يىللىقتىن كېىلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئۇ نۆۋەتتە يەركەندىكى پەيلۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.