دوكتور رۇنى ستېنبېرگ: «ئادالەت ۋە باراۋەرلىك بولمىسا قانداقسىگە ئۇيغۇر ۋە خىتايلار ئىناق-ئىتتىپاق ياشىيالايدۇ؟»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.10.11
پۇل ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىغا يانتاياق بولۇۋاتقان خىتايدىكى چەتئەللىك «ساياھەتچىلەر» خىتاينىڭ ئىچىدە چەكلەنگەن، خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلىۋاتقان، «ساياھەت ۋىدىيولىرى» نامىدا تارقىتىلىۋاتقان ۋىدىيولاردىن كۆرۈنۈش.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قاتتىق ئەيىبلەرگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ۋە بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا تەشۋىق قىلماقتا. ئۇيغۇر ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقاتلارنى ئۆزنىڭ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ۋە دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يېقىندا تىكتوك قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرىدا كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى، ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ دوستلۇقىنى كۈيلەيدىغان فىلىم ۋە ۋىدىيو تەشۋىقاتلىرى كۆپەيگەن. جۇ دېرۇڭغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىنى ياساپ چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. تىكتوكتا تارقالغان فىلىملارنىڭ بىرىدە خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن:

«جۇ دېرۇڭ خوتەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. جۇ دېرۇڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىنىڭ سېكرېتارى. ئۇيغۇر تىلىنى خوتەن شېۋىسىدە ناھايىتى راۋان سۆزلەيدىغان جۇ دېرۇڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى».

ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) بۇ ھەقتە توختالدى. ئۇ مەزكۇر سىننىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ: «بىز جۇ دېرۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۆتكەن 10 يىللىق سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشىلانمىدى، بارغانسېرى ناچارلاشتى. جۇ دېرۇڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشماستىن، ئەكسىچە ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زەربە بەردى» دېدى.

2017-يىلىدىن بۇيان جۇ دېرۇڭغا ئوخشاشلار سېكرېتار بولغان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئېغىر پاجىئەلەر يۈز بەردى.

لېكىن خىتاي بۇلارنى ئېتىراپ قىلماي، ئەكسىچە رايوندىكى گۈللەپ ياشناۋاتقان مەنزىرىلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى يۇقىرىدىكى خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى ئىتتىپاق كەنتى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭنىڭ خوتەن شەھىرى ئىتتىپاق كەنتى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كىشىلەرنىڭ جاسارىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ بىپايان قۇملۇقتا قەد كۆتۈرگەن يېڭى كەنت. 500 دىن ئارتۇق ئائىلە ۋە 1000 دىن ئارتۇق نوپۇسى بار. خىتاي، ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ (تۇڭگانلار) ياشايدۇ. نوپۇسىنىڭ %50 نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئىتتىپاق كەنتىدە، ھەر مىللەت ئاھالىلىرى بىللە ياشاپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە ئۆگىنىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. جىيا كەنتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىگە ئايلاندى».

ھالبۇكى، جىيا كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇۋاھاپ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئىتتىپاق كەنتىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىماماسىم ئىكەن. بىر قەدىمىي ئۇيغۇر كەنتى ئىكەن. ئۇ: «بۇ يەردە 2014-يىلدىن بۇرۇن خىتاي يوق ئىدى. ھۆكۈمەت خىتايلارنى 2014-يىلى كۆچۈرۈپ كەلدى. ئۇيغۇرچە بىلگەن جۇ دېرۇڭنىڭ كەنت باشلىقى بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش ئۈچۈن. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، خىتايغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى بۇ يەردىن ئاستا-ئاستا يوق قىلىش» دېدى.

خوتەن كېرىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ھازىر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. جۇ دېرۇڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە بىلگەن خىتايلارنىڭ خوتەندىلا ئەمەس قەشقەردىمۇ كەنت ۋە يېزىلارغا باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويۇنچۇقلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ: «جۇ دېرۇڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە بىلىدىغان خىتايلار بەك ئاز. مۇتلەق كۆپ ساندىكى خىتايلار ئۇيغۇرچە بىلمەيدۇ ۋە ئۆگەنمەيدۇ. لېكىن. ئۇيغۇرلارنى خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت جۇ دېرۇڭغا ئوخشاش خىتايلار ئارقىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ» دېدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلەيدىغان جۇ دېرۇڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خەيلۇن (朱海伦) مۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل تۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلەتتى. ئەمما ئۇ، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ-كۆلەمدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۇتقۇن (لاگېر) سىياسىتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى دەپ بىلىنگەن.

2020-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇ خەيلۈن قاتارلىق تۆت خىتاي ئەمەلدارىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو قويغان. 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ جۇ خەيلۈن قاتارلىقلارغا جازا يۈرگۈزگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.