قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىقتىدارلىق خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ۋە شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئادىل تۇرسۇننىڭ ئاتالمىش كونا خاتالىقى سەۋەبلىك 2016-يىلى تۇتۇلغانلىقى ۋە ئىككى يىلدىن كېيىن كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
تۈزگەن خىمىيە دەرسلىك كىتابلىرى، ئالاھىدە ئوقۇتۇش مېتودلىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان قەشقەر كوناشەھەر 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدىلا ئەمەس، قەشقەر ۋىلايىتى مائارىپ ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە «مەملىكەتلىك دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر» ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان ئىلمىي مۇدىر ئادىل تۇرسۇن 2018-يىلى يەتتە يىللىق كېسىۋېتىلگەن. مەھكۇم ئادىل تۇرسۇننىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلىرىدىن، نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادىل تۇرسۇن بۇ يىل 50 ياشنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا خىمىيە كەسپىدە ئوقۇغانىكەن.
بىز ئادىل تۇرسۇننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن توققۇزاق بازىرىدىكى كوناشەھەر ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ۋە بۇ ناھىيەدىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.
مەلۇم بولۇشىچە، ئادىل تۇرسۇن كەسپىي ئىقتىدارى بىلەنلا ئەمەس، يەنە ھەققانىيەتچىلىكى بىلەنمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئانا تىلدا ئوقۇتۇش بىكار قىلىنىپ «قوش تىللىق» مائارىپ يولغا قويۇلغاندا، بۇ چوڭ سىياسىي بوراننى توسىۋالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قارشىلىق بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نارازىلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىغانىكەن. شۇڭا ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلىرى خىتايچە چۈشەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، دەرسنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ قويغان ئەھۋالىمۇ بولغانىكەن. بۇ ئەھۋال ئاۋۋال مائارىپ مەمۇرىي ئورگانلىرىغا، ئاندىن ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ، ئۇ 2015-يىللىرى بىر قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە بىرمەھەل تەكشۈرۈلگەنىكەن. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، توققۇزاقتا چوڭ تۇتقۇن 2017-يىلدىن ئىلگىرىلا باشلانغان بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا، بۇلاق يېزىسىدىنلا نوپۇسنىڭ 15% تۇتقۇن قىلىنىپ بولغان ۋە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى كېسىلىپ بولغانىدى.
ئاشكارىلىنىشىچە، ئادىل تۇرسۇن 2016-يىلى قايتا تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەن ۋە شۇ يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. توققۇزاقتىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى ئادىل تۇرسۇن ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى، ئەمما خادىملار، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ساقچى خادىمى، مۇدىر ئادىل تۇرسۇننىڭ ئىلگىرىكى ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش بىر خاتالىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ خاتالىقىنىڭ «ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىش» ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما، ئۇ ئادىل تۇرسۇننىڭ تۇتۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن 2018-يىلى كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىم مۇددىتى ۋە جازا ئۆتەۋاتقان تۈرمە ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئادىل تۇرسۇننىڭ يەتتە يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە شاڭخەيدىكى شىنشوۋ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى يېقىندا ئاشكارىلانغان شاڭخەي مەھبۇسلار تىزىملىكىدىن كۆرگەن.