«2024-يىللىق ئافىنا دېموكراتىيە مۇنبىرى» خەلقئارالىق يىغىندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تەپسىلىي بايان قىلىندى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.10.04
demokratiye-munber-afina-01 گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا چاقىرىلغان «2024-يىللىق ئافىنا دېموكراتىيە مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئافىنا
RFA/Erin Tarim

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس 1-ئۆكتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا چاقىرىلغان «2024-يىللىق ئافىنا دېموكراتىيە مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەپسىلىي ئاڭلاتقان.

مەزكۇر يىغىنغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى، دىپلوماتلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» غا ئوخشاش داڭلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.

سولدىن ئوڭغا ياۋروپا پارلامېنتى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى ئولىۋېر روپكى (Oliver Roepke)، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس. 2024-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئافىنا
سولدىن ئوڭغا ياۋروپا پارلامېنتى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى ئولىۋېر روپكى (Oliver Roepke)، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس. 2024-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئافىنا

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا بۈگۈنكى دۇنيادا كۈنسېرى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك مەسىلىلىرى؛ رۇسىيە، ئىران، خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشتەك قىلمىشلىرى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىقلار مۇھاكىمە تېمىسى بولغان. روشەن ئابباس خانىم مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياۋروپا پارلامېنتى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى ئولىۋېر روپكى (Oliver Roepke) ئىستونىيەنىڭ ئافىنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جوناتان ۋسىۋوۋ (Jonatan Vseviov) ئەپەندى ۋە گېرمانىيەنىڭ باش ئەلچىسى ئاندرىياس كىندىل (Andreas Kindl) ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. ئۇلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ھەر دائىم ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن.

گېرمانىيەنىڭ گىرېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرىياس كىندىل (Andreas Kindl)، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس. 2024-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئافىنا
گېرمانىيەنىڭ گىرېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرىياس كىندىل (Andreas Kindl)، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس. 2024-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئافىنا
RFA/Erkin Tarim

ئافىنادا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىغىندا شۇنچە كۆپ ئىنسانلارغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتۇم. يىغىن جەريانىدا بىرقانچە دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ: ‹مەن ئۇيغۇر، مېنىڭ ھەدەم گۈلشەن ئابباس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرىنىڭ قۇربانى بولدى؛ مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر 6 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتىدۇ› دېدىم. ئۇلار ماڭا: ‹بىز رۇسىيە، ئىران، خىتاينىڭ دۇنيادا شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتلىرىنى سۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇيغۇرلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ سۆزلىدۇق. بىز ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىمىز› دېيىشتى».

يىغىن جەريانىدا روشەن ئابباس خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دىپلوماتلار بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلغان. روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىن جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر ئۇتۇقىمىز، بىز بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دىپلوماتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە پائالىيەتنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق».

بۇرۇن ئافىنادا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولغان گىرېتسىيە دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ دۆلەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«2024-يىللىق ئافىنا دېموكراتىيە مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم يەنە مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاتقان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بەردۇق. ئالدىمىزدىكى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقچى».

«ئافىنا دېموكراتىيە مۇنبىرى» 2013-يىلىدىن تارتىپ ئېچىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قاتنىشىشى ئىكەن. روشەن ئابباس خانىم بۇ قېتىمقى يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.