ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا «ئائىلەم قەيەردە» سادالىرى ياڭرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە ۋە شەھرىزات
2021-02-26
Share
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا «ئائىلەم قەيەردە» سادالىرى ياڭرىدى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئائىلەم قەيەردە» نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 26-فېۋرال.
Photo: RFA

26-فېۋرال جۈمە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش، لاگېرلارغا قامالغان، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەدە بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ھالدا داۋام قىلىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە» نامايىشىنى قوللاش ۋەجىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. پايتەخت ۋاشىنتگتون ئەتراپىدىكى شىتاتلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار نامايىشقا قىزغىن ئىشتىراك قىلدى.

نامايىشتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قاناتلار نامايىش مەقسىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.

نامايىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشتىراكچىلىرى بولسا لاگېر شاھىدلىرى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە زۇمرەت داۋۇتلار ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى ئاشكارىلاپ بېرىشتە زور رول ئوينىغان بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىشتا سۆز قىلدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى خەلقئاراغا ئىسپاتلىرى بىلەن ئاشكارىلاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى، ھەربىر نامايىش، ھەربىر زىيارەت ۋە باشقا ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئۆز كەچمىشلىرىدىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن تەسىرلىك نۇتۇقى نامايىش ئاممىسىنى تەسىرلەندۈردى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ يېقىندا بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا زۇمرەت داۋۇت ۋە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇنلارنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇلارنى «خىتايغا قارا چاپلاش ئۈچۈن ۋاستە قىلىنغان ئارتىسلار» دېگەن ئىدى. بۈگۈن ئۇلار نامايىش مەيدانىدا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاي باياناتچىغا جاۋاب قايتۇردى. زۇمرەت داۋۇت: «بىز پاكىتسىز سۆزلىمىدۇق، قولىمىزدا پاكىت بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا بىزگە ئىشەندى،» دېدى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇنمۇ: «مانا مەن شۇ زۇلۇمنىڭ تىرىك ئىسپاتى، مەن شۇ زۇلۇم تۈپەيلى ئانا بولۇش ھوقۇقىمدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولدۇم، مەن بۇ ئىقتىدارىمنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، باشقا قىز-ئاياللارىمىزنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بېشىمغا كەلگەنلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاش جاسارىتىگە ۋە قارارىغا كەلدىم،» دېدى.

ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى سۇندۇرۇش، ئۇنىڭ يالغانلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «دۇنيا جامائىتىنىڭ ھەق تەرەپتە تۇرۇدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،» دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 25-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىدىنمۇ خوش خەۋەر كەلگەن ئىدى. ئۇلارمۇ بۇ زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ئىدى. نامايىشتا سۆز قىلغان ھەربىر كىشى «ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەر چوقۇم بۇ زۇلۇمنى ئېتىراپ قىلىدۇ، تەدبىر قوللىنىدۇ. بىز دۇنيانىڭ ئادالەتنى تاللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،» دېگەن ئورتاق ئارزۇنى ئىپادىلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت