«ئائىلەم قەيەردە» ناملىق ئۇيغۇر رەسىم كۆرگەزمىسى كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.12.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ailem-nede-turkiye-1.jpg ئىستانبۇلدىكى بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئائىلەم قەيەردە؟» دېگەن تېمىدا ئېچىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنى ھەمدە مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان رەسىم ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدىكى بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئائىلەم قەيەردە؟» دېگەن تېمىدا ئېچىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان رەسىم ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئېرىشتى. كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلدى. ئۇلارغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھۋاللىرى، جۈملىدىن لاگېرلار مەسىلىسى، كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى ۋە باشقىلار چۈشەندۈرۈلدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.

بۇ كۆرگەزمە 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمە بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ۋە شېئىر كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. پائالىيەتنى بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى ئىشخانىسى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ۋە كۆرگەزمىنى دەسلەپتە بىر كۈن ئېچىش پىلانلانغان بولسىمۇ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغاندىن كېيىن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكى تەرىپىدىن 2 كۈن ئۇزارتىشقا رۇخسەت بېرىلگەن.

بىز، بۇ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى خاقان تۈركەل قادىرئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خاقان تۈركەل قادىرئوغلۇ ئەپەندى، بۇ كۆرگەزمە ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا بولسۇن بىر ئىنساننىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىنى قوبۇل قىلمايمىز، بىز تۈرك خەلقى زۇلۇملارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۆتمۈشتىكى تارىخىمىز، قان قېرىنداشلىقىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا سۈكۈت قىلمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچىلىرىغا بۇ مەسىلىنى تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ مەسىلىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى ئاچتۇق. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇلارنىڭ ھەر خىل قىيىن-قىستاق ۋە زۇلۇمدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەركىنلىككە چىقىپ دۇنيادىكى باشقا ھۆرمەتكە سازاۋەر مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. يۈرىكىمىز ھەر دائىم ئۇلار بىلەن بىرگە سوقىدۇ».

ئىستانبۇلدىكى بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئائىلەم قەيەردە؟» دېگەن تېمىدا ئېچىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنى ھەمدە مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان رەسىم ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.

بىز يەنە بۇ كۆرگەزمىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىشلىرى مەسئۇلى روشەن بوزدۇغان ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. روشەن بۇزدۇغان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان زالىمنىڭ زۇلۇمى ۋە قىيىن-قىستاقلىرىغا ئۇچرىشى بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى، ئۇ قېرىنداشلىرىمىز ھېچ قاچان ئېسىمىزدىن چىقمايدۇ، بىز بۈگۈن بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرگەزمە ئېچىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى خالايمىز، ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ جاراھەتلىرىگە مەلھەم بولۇشنى خالايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ بىر ھەرىكەت پەيدا قىلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىككە چىقىپ ئازادلىق كۈنلىرىنى ھەممىمىز بىرلىكتە تەبرىكلەشنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بارلىق ئىمكانلىرىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز».

بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتى شېئىر ۋە ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئەرۋاخانىم بۇ كۆرگەزمە ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كۆرگەزمە ياشلار قىممەت-قاراش ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى بۇ ھەرىكەت تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئائىلەم قەيەردە شوئارى ئاستىدا كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارماقتا ئىدى. بىزمۇ بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېت شېئىر ۋە ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشتۇق، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتتا تۇنجى قېتىم كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈلدى ۋە بۇ سەۋەبتىن بۇ پائالىيەت ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.

بىز بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاچا سىڭىللار ۋە قېرىنداشلار بىلەن تونۇشقان بولدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە بىلىپ يەتتۇق، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوخشىمىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرىمىز».

كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان ياغمۇر ئىسىملىك ئوقۇغۇچى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسمىم ياغمۇر، تېببىي بىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ 3-سىنىپىدا ئوقۇيمەن، بۇ كۆرگەزمىگە بىر دوستۇمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن قاتناشتىم، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەۋىرىم بار ئىدى، لېكىن بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشتىم. بۇ كۆرگەزمىدىكى رەسىملەر ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە تاتلىق تۈرۈملىرى، مېنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى. ئۇيغۇرلارنى زادىلا ياخشى كۆرەتتىم ۋە ئەڭ يېقىن دوستۇممۇ ھەم ئۇيغۇر، شۇنداقتىمۇ بۇ پائالىيەت مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى دەپ قارايمەن».

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىغان ھەرخىل پائالىيەتلەر، جۈملىدىن رەسىم كۆرگەزمىلىرى ۋە نۇتۇق سۆزلەش ۋە دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلمەكتە. بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەت ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.