154 تەشكىلات بىرلىكتە ئالما شىركىتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا چاقىردى

154 تەشكىلاتدىن تەركىب تاپقان پائالىيەتچىلەر گۇرۇپپىسى جۈمە كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكقا مەكتۇپ يوللاپ، شىركەتنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى قوغداشقا ۋە ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.

«پايۇل» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تىبەت خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇل، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

خەتتە ئالما شىركىتىدىن ئاۋغۇستتا ماقۇللانغان يېڭى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.

بۇنىڭدا ئالما شىركىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئۇلىنى كولاش، خوڭكوڭدىكى ئالما دۇكىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى ئاشكارا قوللىشىنى چەكلەش ۋە كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىدىكى ۋەدىلەرنى ئىجرا قىلماسلىق قاتارلىق قىلمىشلاردا بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ئۇلار خېتىدە يەنە، ئالما شىركىتىنىڭ «ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىيالمىغانلىقى» نى ئەيىبلەپ، شىركەتنىڭ ئابۇنتلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە نازارەتتىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان مەۋھۇم شەخسىي تور (VPNs) غا ئوخشاش ئەپلەرنى خىتايدىكى ئەپ دۇكىنىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر پائالىيەتچىلەر گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، پايچىلار يېڭى تەكلىپ سۇنۇپ، ئالما شىركىتىنى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى قانداق يولغا قويۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا دوكلات بېرىشكە چاقىرغانلىقى، ئەمما ئالما شىركىتى ئادۋوكاتلىرىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ بۇ تەكلىپنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى بىر خەۋەردە، ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.