ئالمۇتادا ئۆتكەن خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر قىزى ئەلانۇر تۇرغانوۋا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
2023.03.06

21-25-فېۋرال ئارىلىقىدا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشلار ۋە ئۆسمۈلەر ئارىسىدا بوكس بويىچە 5-قېتىملىق خەلقئارا مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا موڭغۇلىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە قازاقىستان بولۇپ، 250 تىن ئوشۇق ئەڭ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشتى.
مەزكۇر مۇسابىقە قازاقىستاننىڭ بوكس بويىچە ئولىمپىك چېمپىيونى، تەنھەرىكەتنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ماھىرى ئېرماخان ئىبرايىموفنىڭ مۇكاپاتلىرىغا بېغىشلانغان. ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قازاقىستاننىڭ بارلىق رايونلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر تەشكىل قىلغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالمۇتا شەھىرىدىن قاتناشقان ئەلانۇر تۇرغانوۋامۇ بار.
ئالمۇتادا چىقىدىغان «ۋېچېرنىي ئالماتى»، يەنى «كەچلىك ئالمۇتا» گېزىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇسابىقە ئۇنىڭ كۆپلىگەن قاتناشقۇچىلىرىدا زور تەسىرات قالدۇرغان. ئېرماخان ئىبرايىموفنىڭ شەخسىي ترېنېرى جانىبك قۇلنىيازوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇسابىقىدە بىر تۈركۈم بوكس ماھىرلىرى يېتىشىپ چىققان ھەمدە داڭلىق ئاسىيا ۋە دۇنيا چېمپىيونلىرى تەجرىبە يىغقان، ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم سىنىغان ھەم راۋاجلاندۇرغان. شۇنىڭدەك رۇسىيەدىن كەلگەن ترېنېر نىكولاي ئارشىنېنكوف ئۈچ-تۆت جۈپنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپلا، ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى، قىزلارنىڭمۇ چېكىنمەي، ياخشى ئويۇن كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بىز مەزكۇر مۇسابىقىدە ئۆز سالمىقىدا غالىب چىققان ئەلانۇر تۇرغانوۋانىڭ ترېنېرى، رېفېرى ۋە بوكس ماھىرى زاكىر ئابدۇقادىروف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشتۇق.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالمۇتادا ئۆتكەن بوكس بويىچە مۇسابىقىگە ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ كۈچلۈك بوكسچىلار يىغىلغان بولۇپ، ئەلانۇر تۇرغانوۋامۇ شۇلار قاتارىدا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرسەتكەن. زاكىر ئابدۇقادىروف بۇ مۇسابىقىگە ئەلانۇرنىڭ ياخشى تەييارلىنىپ، كۆپ تىرىشقانلىقىنى ۋە نەتىجىدە مەيدانغا چىققان تۆت رەقىبىنىڭ ھەممىسىنى يېڭىپ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پەقەت ئەلانۇرنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستان كوماندىسىنىڭ چوڭ ئۇتۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلانۇرنىڭ بۇ ئۇتۇقى ئىجتىمائىي تورلاردا بارلىق قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق خۇش قىلدى. ئەلانۇر ئىككى مەرتەم قازاقىستان چېمپىيونى بولغان. شۇنداقلا ئۇ 2021-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى دۇبەيدا ئۆتكەن ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاسىيا بوكس مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى ئورۇن ئالغان. شۇ ۋاقىتتا ئەلانۇر مۇسابىقىدە بىرىنچىلەردىن بولۇپ مەيدانغا چىقىپ، تاجىكىستان بوكسچىسىنى يېڭىۋالغان ۋە باشقا بوكسچىلارغا ئىلھام بەرگەن. شۇ چاغدا قازاقىستان كوماندىسى 49 مېدال ئېلىپ، مېدال سانى بويىچە كوماندىلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئەمدى ئەلانۇر تېخىمۇ ياخشى تەييارلىنىپ، مۇشۇ يىلى يازدا بولىدىغان ئاسىيا مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان قىز. ئۇ كىچىكىدىن بوكسقا قىزىقىپ، دەسلەپ ناھىيەلىك، ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى. ئەلانۇرنىڭ بوكسچى بولۇپ تەربىيەلىنىشىدە ئۇنىڭ تۇنجى ترېنېرى سەمەت ئاخمېتوف كۆپ كۈچ چىقاردى. ئەلانۇر مېنىڭ يۇرتدىشىم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭدىن پەخىرلىپ، يەنىمۇ چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن.»
2006-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا تۇغۇلغان، دەسلەپ شۇ يېزا مەكتىپىدە، ھازىر بولسا، ئالمۇتا شەھىرىدىكى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ 11-سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئەلانۇر تۇرغانوۋا مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتسام، ئالمۇتادا ئۆتكەن بۇ مۇسابىقە مەن ئۈچۈن چوڭ سىناق بولدى. مەن ترېنېرلىرىمنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا شۇ ئۇتۇققا يەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارغا چوڭ رەھمەت ئېيتىمەن. ئەلۋەتتە، شۇنداقلا تەنھەرىكەتنىڭ مۇشۇ تۈرىنى تاللاۋېلىشقا ياردەم قىلغان ۋە ماڭا دائىم ھەمراھ بولۇپ كەلگەن تۇرغان بوۋام ۋە تاشگۈل مومامغا ئالاھىدە رەھمەت. بۇ قېتىم بىرىنچى ئورۇن ئېلىپ، مەن قازاقىستاننىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتىنىمنى، خەلقىمنى خۇشال قىلدىم، دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىشكە قاتتىق تىرىشىمەن. مېنى قوللىغان بارلىقىڭلارغا كۆپ رەھمەت!»
يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىدە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ۋە يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «مىننەتدارلىق كۈنى» بايرىمىغا بېغىشلانغان چوڭ مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى. 500 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا كۆپ بالىلىق ئانىلارغا، تونۇلغان سەنئەتكارلارغا، تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋە باشقىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلۈپ، ئۇلار ھەر خىل مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلەندى. شۇ جۈملىدىن ئەلانۇر تۇرغانوۋا سابىق ھەربىيلەر جەمئىيىتى تەسىس قىلغان «قەھرىمان مېھرى» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندى.