جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بەش خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىنى «يۇمشاق كۈچ تەشۋىق قىلىش قورالى» دەپ ئاتىدى ۋە ئۇلارنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.
مىنىستىرلىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت «سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ مائارىپ خاراكتېرىدىكى خىتاي ساياھىتى پروگراممىسى»، «ئامېرىكا-خىتاي دوستلۇق پروگراممىسى»، «ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىك ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى»، «ئامېرىكا-خىتاي تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى» ۋە «خوڭكوڭ مائارىپ-مەدەنىيەت پروگراممىسى» قاتارلىق 5 خىل ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى بىكار قىلىنغان.
باياناتتا دېيىلىشىچە، بۇ پروگراممىلار پرېزىدېنت جون كېننېدى 1961-يىلى ئىمزالىغان «ئۆز-ئارا مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قانۇنى» غا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان ئىكەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «(خىتاي) ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق مەبلىغى ۋە باشقۇرۇشىدىكى بۇ بەش پروگرامما يۇمشاق كۈچنى تەشۋىق قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى.»
خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.