ئانا تىل پىداكارلىرى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.03.01
mihray-ana-til.jpg مېھراي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپات مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.2023-يىلى 23 فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim

2019-يىلى جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن، ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مېھرىئاي ئەركىن نامىغا تەسىس قىلىنغان مۇكاپاتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى تارقىتىلدى. مەزكۇر مۇكاپاتقا ئامېرىكادىن مەلىكە نۇر، تۈركىيەدىن نەرگىزە مەمەتجان ئېرىشكەن.

2-نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى 23-فېۋرال كۈنى ياپونىيەنىڭ مىساتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە توكيو شەھىرى ۋە توكيو ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان ئاتا-ئانىلار ۋە مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل دەرسى بەرگەن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ قاتناشقان. يىراقتىكىلەر بولسا تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى چوڭ بىلىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەققىدە ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى، ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ۋە گېزىتلەردە چىققان خەۋەرلەرنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

2019-يىلى جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاي ئەركىن ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا نائىل بولغان.
2019-يىلى جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاي ئەركىن ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا نائىل بولغان.

ئارقىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى «ئانا تىل فوندى» ۋە «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئارقىدىن گۈلدۈراس ئالقىش ئىچىدە بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئامېرىكادىن مەلىكە نۇر، تۈركىيەدىن نەرگىزە مەمەتجاننىڭ ئىسمى ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ مۇكاپاتى بېرىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىچىدىن بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلەرنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئامېرىكادىن مەلىكە نۇر، تۈركىيەدىن نەرگىزە مەمەتجان ئىككى ئوماق قىزىمىز ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قېتىملىق مۇكاپات نامزاتىغا تاللىدۇق».

ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىننى ئەسلەش ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاش، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ قىزغىن، كەڭ ۋە ئىزچىل قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن 2022-يىلىنىڭ بېشىدا›مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى‹نى تەسىس قىلغانىدۇق. بۇ مۇكاپاتنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنى ئويلاۋاتىمىز. چۈنكى بىز ئانا تىلىمىزنى يوقىتىپ قويساق مىللىي كىملىكىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز».

تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» ياپونىيە مىساتو ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى نادىرە خانىمغا بېرىلگەنىدى. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ ئىككى تۈر بويىچە تارقىتىلىدىغانلىقىنى، بىر تۈرى «ئانا تىل ئۆگەتكۈچى» يەنى مۇئەللىمگە، ئىككى نەپەر «ئانا تىل ئۆگەنگۈچى» يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكۈچىلەرگە مېھرىئاي ئەركىننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بىر خاتىرە ئىزنىكى، تەقدىرنامە ۋە نەق پۇل مۇكاپات يەنى ئوقۇغۇچىلارغا 50 مىڭ يېن ياپونىيە پۇلى بېرىلگەن.

بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان نەرگىزە مەمەتجان مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، بۇنداق مەنىلىك بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدە ئۆسۈملۈك بىئو-تېخنىكا كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان مېھرىئاي ئەركىن خانىم 2019‏-يىلى 8 ‏-ئايدا، ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن دادىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن قەشقەرگە كەتكەن. يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغانىدى. ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ مېھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.