ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئاز دېگەندە %20 نىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2025.02.24
urumchi-3-turme.jpg داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۈرمىنىڭ دەرۋازىسى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.
AP

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ نۆۋەتتە 248 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىسى بار ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە بۇلاردىن يېرىمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئىنستىتۇتقا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن 26 نەپىرىنىڭ يەنى %20 تىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشىنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر ئىنستىتۇت 1985-يىلى قۇرۇلغان. 2007-يىلى ئاقسۇدىكى پېداگوگىكا تېخنىكومى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانى يېقىن مەزگىللەردە 250 گە يېقىنلاشقان. ئىنكاس قىلىنىشىچە ئاقسۇدا 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئەڭ دەسلەپكى ھۇجۇم نىشانى بولغان ئورۇنلاردىن بىرى مەزكۇر ئىنستىتۇت بولۇپ، ئۇنىڭ يالقۇن ئەيسا، خوجا نىياز يوللۇق تېكىن، تاھىر قاسىم، مۇتەللىپ خۇرسەندى، ئابدۇسالام قاتارلىق قابىل ئوقۇتقۇچىلىرى 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە كېسىۋېتىلگەن. ئۆتكەن ھەپتە تارىخچى خوجا نىياز يوللۇق تېكىن ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى بىر ئالاقىدار خادىم نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 20 نەچچە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىزمۇ ساننى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر ئىنستىتۇت ۋە ئاقسۇدىكى سىياسىي-قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا، مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانى 248 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 3000 ئەتراپىدا دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما بۇنىڭ مىللەتلەر تەركىبى بايان قىلىنمىغان. نۆۋەتتە كانادادا ياشاۋاتقان، يۇرتى ئاقسۇدىن بولغان پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ ئەسلىشىچە، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار 2000-يىللارنىڭ بېشىدا 150-100 ئارىسىدا ئىكەن. ئىنستىتۇتنىڭ بىر نۆۋەتچى خادىمى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار سانىنىڭ 20 دىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان ھالدا، بۇ ھەقتە مەكتەپنىڭ سىياسىي ئىشلار بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. مەكتەپتىن ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، مەكتەپتىن 20 نەچچە ئوقۇتقۇچى، 2017-يىلى ئىچىدە بىر نەچچە تۈركۈمدە تۇتۇپ ئەكېتىلگەن. ئۇلارنىڭ دېلوسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان، تۇتۇش ۋە سوراق ئىشلىرىغا مەكتەپنىڭ سىياسىي ئىشلار بۆلۈمى ۋە ساقچىخانىسى ھەمكارلاشقان. مەكتەپ ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى ئۆزى ھەمكارلاشقان دېلودىكى مۇتەللىپ مامۇت، ئېلى قاسىم ۋە ئېزىز قاتارلىق 3 ئوقۇتقۇچىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاز دېگەندە 1/10 قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئاقسۇ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇسالام دىنىي ئىبادەتلىرى سەۋەبلىك كۈپ قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە ئاخىرىدا خىزمەت توختىتىلغان. ئۇ 2017-يىلىغا كەلگەندە تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن.

مەكتەپ ساقچىخانىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى، تۈرمىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئابدۇسالام ئېزىز، ئابدۇراخمان روزى ئىسىملىك ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ئۆزى ھەمكارلاشقان دېلودىكى بۇ تۇتقۇنلارنىڭ دەسلەپتە ئاقسۇ تۈرمىسىگە ئاپىرىلغانلىقى، كېيىن شىخەنزىدىكى بىر بىڭتۈەن تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدىن مەخپىي سوت ئېچىلغان. سوتقا مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە دېلودا ھەمكارلاشقان خادىملار قاتناشتۇرۇلمىغان.

بۇ خادىم، مەكتەپتىن نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار سانىنىڭ 26 ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

 ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 50 نەپىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە بۇنىڭ %15 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. يەنە شۇ چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن %70 نىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

بۇ ھەپتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن، ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئاز دېگەندە %20 دىن كۆپرەكىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.