ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئېرى ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى
2023.04.24

يېقىنقى مەزگىللەردە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە تۇغۇلغان ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دېموكراتىك ئەللەرنىڭ سىياسەت سەھنىسىدە رول ئېلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. ئۇلارمۇ سايلامغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە بەلگىلىك ئۇتۇقلار قازانماقتا.
ياپونىيەدىكى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئېرى( ياپونچە( Arfiya Eri، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ سايلىمىنىڭ 23-ئاپىرىلدىكى نەتىجىسىدە، ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال( ئەركىن( دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.
ياپونىيەدە بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا تەۋەككۈل قىلغان ياپونىيەدە ئارفىيە ئېرى (Arfiye Eri) دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلفىيە بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال( ئەركىن( دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى. ئۇ ياپونچە، ئۇيغۇرچە، خىتايچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە قاتارلىق كۆپ خىل تىلغا ئىگە بولۇپ، ئالدىنقى 5 يىلدا ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى شتابىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، چەتئەلدە تۇغۇلغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولغان ئەلفىيە يەنى، ئارفيەنىڭ ياپونىيە پارلامېنت سايلىمىغا نامزات بولغانلىقى، يالغۇز ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇق ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ تىللىق كۈچلۈك نامزات ئىكەنلىكى بىلەنمۇ بلومبېرگ قاتارلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغانىدى.
ياپونىيەنىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ئارفىيەنىڭ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ چىبا ناھىيەسى 5-رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تولۇقلىما سايلامدا ئۇ 50.578 بېلەت (%30,58) ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئارقىسىدىكى نامزاتتىن 5000 ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتىدا ئورۇن ئالغان تۇنجى ئۇيغۇر-ياپون سىياسىيونى بولۇپ قالغان.
ئارفىيەنىڭ ياپونىيە پارلامېنت سايلىمىدا ئۇتۇق قازىنىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى ناھايىتى چوڭ ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. شۇتاپتا بۇ خوش خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان، ئۇلار ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا بۇ خەۋەرنى ھەمبەھرلەپ تەنتەنە قىلىشماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ، 24-ئاپرېل كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىغا ئارفىيە ئېرىنىڭ سايلانغانلىقىنى ئالقىشلىدى. باياناتتا بۇنىڭ ئۇيغۇر ياپون جەمئىيىتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم غەلىبە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە ئارفىيەنىڭ ياپونىيە پۇقرالىرى ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ياپونىيە پارلامېنتى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 34 ياشلىق ئارفىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇر ئېلىدىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا بېرىپ قېلىپ قالغان بولۇپ، ئۇ 10 ياش ۋاقتىدا ياپونىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنىكەن.
ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئامېرىكانىڭ جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاشقى سىياسەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ نيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىدا ئىشلەشتىن بۇرۇن ياپونىيە بانكىسىدا ئىشلىگەن.
ئارفىيەنىڭ ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىگە كىرگەنلىكى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس ئۇنىڭ ئامېرىكادا ئوقۇغان جورجېتاۋن ئۇنىۋېرستېتىدىكى پروففېسورلىرىدىن ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد ئەپەندىنى ئىپتىخارلاندۇرغان. ئۇ رادىيومىزغا-24 ئاپرېل بۇ ھەقتە مەخسۇس تەبرىكنامە ئەۋەتتى. ئۇ تەبرىك خېتىدە مۇنداق يازغان: «مەن ئارفىيەگە جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن خۇشالمەن. ئۇ بىر ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە قالتىس ياش ئايال. شۇنداقلا، ئۇنىڭ غايىسى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ مېنىڭ يېتەكچىلىكىمدە ئېلىپ بارغان تەتققات نەتىجىسدىكى دىسسېرتاتسىيەسى يۇقىرى باھالىنىپ ژۇرنالدا ئېلان قىلىندى. بۇ، بەك ئاز تەھرىرلەشكە موھتاج ئىدى. چىبا ۋىلايىتىنىڭ بەشىنچى رايونىدىكى كىشىلەر ئارفىيە ئېرى خانىمدەك ۋەكىلى بولغانلىقى ئۈچۈن تەلەيلىكتۇر».
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار، ئايلاردىن بۇيان ئارفىيەنىڭ سايلامدىكى پائالىيەتلىرى ۋە نەتىجىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېلېۋېزىيەدىكى سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ھامان، پايونىيە پارلامېنتىدا بىر ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزاسى بولغانلىقىدەك بۇ خۇشاللىق خەۋىرىنى ئۆز-ئارا ھەمبەھرلەپ ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈپ ئورتاقلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ساۋۇت مۇھەممەت ئەپەندى، ئارفىيەنىڭ ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋەكىلى سۈپىتىدە ئاۋام پالاتاسىغا سايلام ئارقىلىق سايلىنىپ كىرىشى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ساھەسىگە كىرىشكە تىرىشىشىغا بىر يېڭى يول كۆرسىتىپ بەردى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارفىيە ئېرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن باشقا ھەرقايسى چەت دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىغا كىرىشىنىڭ، دېموكراتىك ئەركىن ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سايلاملىرىغا قاتنىشىشىغا ۋە سىياسىتىگە ئارىلىشىشىغا ئۈمىد ھەم ئىلھام بەخش ئەتكەلىكىنى يېزىشتى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئارفىيەگە يەنىمۇ زور ئۇتۇق تىلىگەندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزىغا بۇ پۇرسەتنى بەرگەن ياپونىيە خەلقى ۋە دۆلىتىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.