ئانالىزچى ئاسىيە ئۇيغۇر: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تەھدىت دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.09.11
uyghur-neqqash-xitay-tili-oginish-xitaylashturush.jpg ئۇيغۇر نەققاشلىقى بىلەن بېزەلگەن بىر بازاردا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى قىلىشقا ئۈندەيدىغان پىلاكات ئېسىلغان. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق قىلىشىنىڭ سەۋەبى» تېمىسىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۈگۈن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ۋە ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىشىدا تەھدىت دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا، ماقالىنى يېزىشقا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان خۇ ئەنگاڭ، جى سەيرۇڭ قاتارلىق خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ 2010-يىلى 2-ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئاسىيە خانىم، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللەت بويىچە باستۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش يەنى «خىتاي چۈشى» پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مەغلۇپ بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بايانىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش قىممەت قارىشىغا قارشى بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنياغا خوجا بولۇش نىيىتى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، خىتاي دۆلىتىگە قارشى دۇنيا خاراكتېرلىك قارشىلىق ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.