ئۇيغۇر ھەيئىتى پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.04.25
heyetni-Kutiwelish-yighini.jpg ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى ئاپرېل، سىدنېي، ئاۋسترالىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 7 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت 4-ئاينىڭ 24-كۈنى سىدنېي شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش بولدى.

شۇ كۈنى يەنە سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ھەدەمنى ئىزدەيمەن ناملىق» ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكادىن كېلىپ بۇ ئۇچرىشىشلارغا قاتناشقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دېدى: «بىز ئاۋسترالىيەگە كېلىپ پائالىيەتلىرىمىزنى باشلىغاندىن بۇيان بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈش، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلدۇق. ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لىندا ۋولتز خانىم ئۇيۇشتۇرغان ياشلار يىغىنىدا دوكلات بەردىم. لىندا خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن يىغىندا بەرگەن دوكلاتىمدا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى، خەلقئارا ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئىجرا قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن چېتىشلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى، تەمىنلەش زەنجىرىنى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. لىندا ۋولتز خانىم بۇ ھەقتە قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى».

سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ھەدەمنى ئىزدەيمەن ناملىق» ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئاپرېل،  سىدنېي، ئاۋسترالىيە.
سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ھەدەمنى ئىزدەيمەن ناملىق» ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئاپرېل، سىدنېي، ئاۋسترالىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسئۇلىدىن بولۇپ 7 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكانىڭ سىدنېي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى كىرىستىنا ئەلدەر خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ 4 بەتلىك تەلەپ خېتىنى سۇنغان.

مەزكۇر ئۆمەكتىن ئورۇن ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى مەخمەت جەلەپچى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

روشەن ئابباس خانىم بىلەن تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت 22-ئاپرېل كۈنى ئاۋسترالىيەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 23-ئاپرېلدا سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتتە روشەن ئابباس بىلەن ئۆركەش دۆلەت يۇرتداشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لىندا ۋولتز(Lynda Voltz) خانىم بىلەن. 2023-يىلى ئاپرېل،  سىدنېي، ئاۋسترالىيە.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لىندا ۋولتز(Lynda Voltz) خانىم بىلەن. 2023-يىلى ئاپرېل، سىدنېي، ئاۋسترالىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئاۋسترالىيەدىكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. بۇندىن كېيىن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قارار لايىھەسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

مەزكۇر ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەيئەت ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى مەمەت ئوبۇل، مۇئاۋىن رەئىسى گۈلمىرە زۇنۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى مەخمەت جەلەپچى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى جۈرئەت ئابدۇكېرىم، ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى بەختىيار بۆرە ۋە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.