ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مېلبورندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى
2019.05.14
5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى شۇنداقلا ئادېلايد شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى مېلبورن شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا باش كونسۇل ۋە ياردەمچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، مەزكۇر كۆرۈشۈش ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان.
ئۇچرىشىشقا قاتناشقان مېلبورندىكى ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئەپەندى مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «5-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11دىن 1 گىچە مېلبورندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا باش كونسۇل مايكۇل كىلېين ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى گابرىئېل، رىبېككا قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتۇق، بۇ كۆرۈشۈشكە ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن مەن ۋە كاتىپىمىز قاسىمجان ئەپەندى، ئادېلايدتىكى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت ئەپەندى شۇنداقلا كاتىپى مۇستافا ئەپەندى قاتارلىقلار قاتناشتى. بىز باش كونسۇل مايكېل كىلېيىن ئەپەندىگە ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتۇق».
ئادېلايدتىكى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىش توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ مېلبورندىكى كونسۇلخانىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى بىز تەلەپ قىلغان بولۇپ، باش كونسۇل مايكېل كىلېيىن ۋە ياردەمچىلىرى بىلەن بولغان ئېچىشىشتا كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇلارغا تەپسىلىي مەلۇمات بەردۇق ھەمدە ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلدۇق».
ئۇ يەنە باش كونسۇل مايكېل كىلېيىن ئەپەندىنى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە ئىگە-چاقىسىز بالىلارنى تۈركۈملەپ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋاقتىمىزدا باش كونسۇل مايكېل كىلېيىن ئەپەندى بۇ مەسىلىنى ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ئويلىشىشقا تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى».
نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندىم سۆزىدە يەنە مېلبورندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مېلبورندىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن باش كونسۇل ۋە باشقا خادىملارغا رەسمىي يوسۇندا تونۇشتۇردۇق، بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بىر قانچە كۈندىن كېيىن مېلبورندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىپتار پائالىيىتىگە ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئەزىز مېھمانلار قاتارىدا تەكلىپ قىلىندى».
ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى قاسىمجان ئەپەندى مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدا بىزنىڭ ھەقلىق داۋايىمىزغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، ئەگەر بىز داۋايىمىزنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتسەك چوقۇم ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيمىز».
مەزكۇر ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى مۇستافا ئەپەندى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كۆرۈشۈشىمىز بىزنى ئىنتايىن مەمنۇن قىلدى، مېنىڭچە بۇ ئاۋسترالىيەدىكى داۋايىمىزنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ».
ئۇ يەنە بۇندىن كېيىنمۇ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بۇ خىلدىكى ئۇچرىشىشلارنى داۋام قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.