ئوغلىنى چەت ئەلدە ئوقۇتقان ۋە چەت ئەلنى زىيارەت قىلغان نۇراخۇن روزىنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.12.21
Nuraxun-Rozi.jpg ئوغلىنى چەتئەلدە ئوقۇتقان ۋە چەتئەلنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق كېسىلگەن نۇراخۇن روزى. غۇلجا، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس.
Nur'eli Nuraxun teminlidi

نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى بىر ئاليۇمىن زاۋۇتىدا ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتقان 22 ياشلىق نۇرئەلى نۇراخۇننىڭ رادىيومىزغا بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دادىسى ئۇنى 2015-يىلى 9-ئايدا مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندە ئۇ مىسىرغا كېلىپ ئوغلىنى يوقلىغان. نۇراخۇن روزى بۇ ئوغلىنى يوقلاش سەپىرىدە، يۇرتىدىكى تونۇشلىرىدىن بىرىنىڭ 12 ياشلىق بالىسىنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ مىسىردا ئوقۇشىغا ياردەم قىلغان. نۇراخۇن روزى قايتىش سەپىرىدە تۈركىيەدە 2 ھەپتىچە ساياھەتتە بولغان.

 ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن پاسپورتى يىغىۋېلىنغان، 2017-يىلى 4‏-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە «چەتئەلدە بالىسىنى ئوقۇتۇش ۋە بالىسىنى ئوقۇتقانغا ياردەم قىلىش گۇناھى» سەۋەبلىك 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

نۆۋەتتە كۈنەس تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان نۇراخۇن روزى غۇلجا شەھەر كېپەكيۈزى يېزىسىنىڭ ئارا مەھەللە كەنتىدىن بولۇپ، بىز كېپەكيۈزى يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، نۇراخۇننىڭ بالىسىنى ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

 ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، غۇلجا ناھىيە قارىياغاچ يېزىسىدىكى بىرەيلەننىڭ بىر بالىسىنى دىندا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 7 يىللىق، يەنە بىرەيلەننىڭ ئىككى بالىسىنى دىندا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئايدىڭلاشقانىدى. مەزكۇر ساقچى خادىمى، نۇراخۇننىڭ 20 يىللىق جازا مۇددىتىنىڭ قانداق بىر ھېساب بىلەن بېكىتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. يەنە ئىلگىرىكى ئاشكارىلانغان بىر قىسىم ھۆججەتلەردە، خىتاينىڭ مىسىر، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتنى «سەزگۈر دۆلەتلەر» دەپ بېكىتىپ، بۇ دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلەرنى قاتتىق نازارەت قىلغانلىقى ياكى تۇتقۇن قىلغانلىقى، كۆپ قىسمىنى 5 يىلدىن ئون نەچچە يىلغا قەدەر كەسكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

مەزكۇر ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ ساقچىخانىغا يېڭى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ «قانۇنسىز سەپەر» نىڭ نۇراخۇننىڭ جازا مۇددىتىنى قانچىلىك ئۇزارتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، نۇراخۇننىڭ كۈنەس تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىمۇ دەلىللەندى.

دېيىلىشىچە، 2015-يىلى 14 ياش ۋاقتىدا، مىسىرغا ئوقۇشقا چىققان نۇرئەلى، 2016‏-يىلى مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەلىرىگە شاھىت بولغان؛ 2017-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان. ئۆسمۈر ۋاقتىدىلا ھاياتنىڭ ئېغىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن نۇرئەلى 2018-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلانغان. ئۇ تۈركىيەدە تۇرمۇش ۋە ئوقۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈرگەن مەزگىلىدە، دادىسىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئۇققان. نۇرئەلى بىر مەھەل پىسخىك جەھەتتىن ئېغىر زەخمەت چەككەن؛ ئارقىدىن دادىسىنىڭ تۆلىگەن بەدىلىگە، ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق بىلەن جاۋاب بېرىش قارارىغا كەلگەن. نەتىجىدە 2019-يىلى تۈركىيەدىكى سۇلايمان دېمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن نۇرئەلى، بۇ يىل ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوقۇشىنىڭ ئاخىرقى يىلى پىراكتىكا قىلغان «يالچىنلار ئاليۇمىن» ناملىق چوڭ بىر شىركەتنىڭ زاۋۇتىغا ئىنژېنېر بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن.

 دادىسىنىڭ دېلوسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەسلىك خىيالى بىلەن ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغىچە ئاخباراتقا مەلۇمات بەرمەي كەلگەن نۇرئەلى، سۈكۈتنىڭ ھېچقانداق ئىشقا يارىمىغانلىقىنى تونۇغاندىن كېيىن، بۈگۈن بۇ گۇۋاھلىق باياناتىنى ئېلان قىلغان.

يۇقىرىدا، غۇلجا كېپەكيۈزى ئاھالىسى نۇراخۇن روزىنىڭ ئوغلىنى چەتئەلدە ئوقۇتقانلىقى ۋە چەتئەلنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.