ب د ت 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى كۈنلىرىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەر پۇرسەتتە تەكىتلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.09.21
roshen-abbas-bdt-78-newyork-01 ئامېرىكادىكى مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ «دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 18-سېنتەبىر، نيۇ-يورك
Roshen Abbas

ئىگىلىشىمىزچە، 20-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 78- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، ئامېرىكادىكى مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار فوندى جەمئىيىتى «دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان. بۇ يىغىنغا 24 دۆلەتتىكى 36 جەمئىيەتنىڭ 150 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسلىرى، پۇقراۋى جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى رەھبەرلىرى، دىپلوماتلار، ئاكادېمىكلار،  مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار قاتناشقان.

يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق، تىنچلىق، مەدەنىيەتلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دۇنياۋى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ پىلان، پىروگراممىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان، شۇنداقلا دۇنيا رەھبەرلىرىگە يېڭى چارە، ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەتلەر تەۋسىيە قىلىنغان.

 ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«بىر يىل بۇرۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ يەكۈن چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ئەھۋالدا ھېچقانچە ئۆزگىرىش بولمىدى. خىتاينى ئەيىبلىگەن بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ب د ت خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇنىڭغا دائىر بىر مۇنچە ۋەقەلەرگە، جۈملىدىن ھەدەمنىڭ دېلوسىغا پىكىر بايان قىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا كىرىدۇ دېدى ھەمدە كوممۇنىست خىتاينى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئەمما ئۇلار تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلگىنى يوق. جان-جىگەر قېرىنداشلىرىڭىزنى تۇتۇپ كەتسە، مانا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى دېمەكتۇر.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئورتاق كەلگۈسىمىزگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق— خالىغانچە ئادەم تۇتۇش، قاماپ قويۇش،  جىسمانىي  ۋە روھىي جەھەتتە قىيناش، قىزلارنى خىتايغا تېگىشكە زورلاش، مەھبۇس ئاياللارنى جىنسىي جەھەتتە خورلاش، كەڭ كۆلەملىك تەقىب-نازارەت، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش، بالىلارنى ياتاقلىق مەكتەپكە سولاپ مېڭىسىنى يۇيۇش، مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى ئوغرىلاش، جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى ئىشقا سېلىش دېگەندەك جىنايەتلەر تېنىمىزنى شۈركۈندۈرىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن رېئاللىق! ئەگەر بۈگۈن خىتاي، ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ياشاۋاتقان ماڭا قارا قولىنى سوزۇپ، ھەدەمنى تۈرمىگە سولاش ئارقىلىق مېنىڭ يۈرىكىمنى ئەزمەكچى بولسا، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئىبلىس قولى سىلەرگىمۇ يېتىدۇ».

روشەن ئابباس خانىم يەنە بۇ يىغىنغا قاتناشقان تەسىرى كۈچلۈك شەخسلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: 

«دوكتور ئەلىي ۋەيسەل شۇنداق دەيدۇ: ‹ئىنسانلار قايسى ماكان، قايسى زاماندا بولسۇن، بۇنداق خورلۇق ۋە ئازابقا ئۇچرايدىكەن، بىز بۇنىڭغا  قاراپ ئولتۇرماسلىقىمىز، مەيدانىمىزنى چوقۇم ئېنىق قىلىشىمىز كېرەك›».

مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەر ئادەمنىڭ بۇ كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكنى توختىتىشتا بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتى بار. بىزنىڭ ئاۋازىمىز ۋە تەسىرىمىز  بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولالايدۇ. سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار بىلەن دېموكراتىيە ئىستىقبال تاپىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئىنسانلار سىناققا دۇچ كەلمەكتە: قېنى بىز ئەخلاقىي جاسارىتىمىز بىلەن بۇ سىناقتىن ئۆتەلەيمىزمۇ؟»

ئامېرىكادىكى مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ «دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغانلار، 2023-يىلى 18-سېنتەبىر، نيۇ-يورك
ئامېرىكادىكى مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ «دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغانلار، 2023-يىلى 18-سېنتەبىر، نيۇ-يورك
Abdulhakim Idris

روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىندا قىلغان سۆزى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. 

ئۇنىڭدىن باشقا، ب د ت نىڭ 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى نيۇ-يورك شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقاندا، 20-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى دۇنيادىكى مۇسۇلمان سەر خىللىرى ۋە دىپلوماتلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشى يىغىنى بولغان «كونكوردىيا  مۇنبىرى» گە قاتنىشىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەت داۋامىدا بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرى دىپلوماتلىرى، ئۇيغۇرلار قۇرغان ئىككى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە مۇستەقىل قۇرغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆپ ئەللەرنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئامېرىكادىكى مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ «دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 18-سېنتەبىر، نيۇ-يورك
ئامېرىكادىكى مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ «دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 18-سېنتەبىر، نيۇ-يورك
Abdulhakim Idris

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 20-سېنتەبىر كۈنى يەنە ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلارغا ئامېرىكانىڭلا ئەمەس، ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ، خىتايدىكى ئەلچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ خىتايغا گەپ قىلىپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلغان، ئۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىقنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.