ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم مۇھىم كۈنتەرتىپنى ئىگىلىگەن
2023.05.15
ب د ت نىڭ ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى مەسىلىسى مۇھىم تېما بولغان.
8-ماي ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ 85-نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە باشلانغان. يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا «خىتايدىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش» ئاساسىي تېما قىلىنغان.
د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن 8-ماي بۇ خۇسۇستا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئالدىن پىكرىنى ئېلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ھەمدە ئاياللارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي بالا چۈرۈش، جىنسىي زوراۋانلىق، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلاشتەك قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ ئۆتكەن.
12-ماي كۈنىدىكى يىغىنغا د ئۇ ق رەئىس دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ قاتناشقان. بۇ يىغىندا خىتاي ۋەكىللىرى خىتايدىكى ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا دائىر بىر دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ «بەخت-سائادەتلىك ھاياتى مەدھىيەلەنگەن داستان» ئورۇن ئالغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ۋەكىللىرى دوكلاتنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە سوئاللار سورىغان. خىتايلار بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئۇيغۇر ئاياللارغا تاتلىق-تۈرۈملەرنى پىشۇرۇشنى، تاماق ئېتىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتۇق، خىتاي تىلى ئۆگەتتۇق، ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتتۇق» دېگەندەك بىمەنە سۆزلىرى بىلەن يىغىن ئەھلىنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلارنىڭ بۇ دوكلاتى يىغىن ئەھلىنى قانائەتلەندۈرەلمىگەن.
8-مايدىن بۇيان ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى 12-ماي ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەمىنلىگەن دوكلاتلار ئاساسىدا خىتاي ۋەكىللىرىدىن كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىغان. بۇ سوئاللار ئىچىدە، 2015-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش سەۋەبلىك بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كېمىيىش مەسىلىسىمۇ يەر ئالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىتۋانىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن خىتاي ئەرلىرىنىڭ توي قىلىشىنى بىر سىياسەت سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر سوئاللارنىمۇ سورىغان. بىراق خىتاي ۋەكىللىرى بۇنداق سوئاللارغا يا جاۋاب بەرمىگەن ياكى يالغان-ياۋىداق كەلىمىلەر بىلەن كۆز بوياپ ئۆتۈپ كەتكەن.
ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ 85-نۆۋەتلىك يىغىنى 26-مايغا قەدەر داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مەزكۇر كومىتېت خىتايدىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس بىر دوكلات ئېلان قىلىدىكەن.