ب د ت ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

24-نويابىر ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ چاقىرىق ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەلىرى بويىچە 10، ئەمما يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان شۇنىڭدەك بۇ سەۋەب بىلەن خىتايدا زور نامايىشلار باش كۆتۈرگەن كۈنىگە توغرا كەلگەن.

«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان «ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، مەزكۇر چاقىرىقتا «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن بارلىق ساھەلەردە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، بۇنىڭ قىيىن-قىستاق، ناچار مۇئامىلە، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ۋە تۇتقۇن جەريانىدا ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان» لىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يەنە «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەقسەتلىك تۇتقۇن قىلىنىپ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى، مەيلى ئاتالمىش تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكىلەر بولسۇن ياكى باشقا تۇتۇپ تۇرۇش مۇئەسسەسەلىرىدىكىلەر بولسۇن، تۇتقۇنلار ۋە غايىبلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ھەم پاراۋانلىق ھالىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان».

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە توختالغاندا، ب د ت نىڭ بۇ چاقىرىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن پۈتۈن خىتايدا قوزغىلىشلار باش كۆتۈرگەن كۈنگە توغرا كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا تارتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى مەزكۇر بايانات ۋە خىتايدىكى قوزغىلىشلارنىڭ خەلقئارادا زەنجىرسىمان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

چاقىرىقتا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلىرىگە قول قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە، مۇھاجىرلارغا ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۇلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرىغا قارىتىلغان بارلىق تەھدىت سېلىش ۋە ئۆچ ئېلىش قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان».

ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى چاقىرىقىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئۈنۈملۈك رەۋىشتە بەلگىلىك تولۇقلىما ۋە تۆلەم تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان».

مەزكۇر كومىتېت يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىدىن «شىنجاڭدا يولغا قويۇۋاتقان» «دۆلەت بىخەتەرلىكى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئازسانلىقلار توپىنىڭ ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رامكىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىشنى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە قول قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر ئەھدىنامىدە كۆرسىتىلگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ھەرقانداق بىر ئامىلىنى يوقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان».

ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، بۇ چاقىرىقنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن ب د ت دىن چىققان مۇھىم بىر ئاۋاز بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ بۇ چاقىرىقى 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مەزكۇر كومىتېت بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى چاقىرىقى بولۇپ، بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلىشتىكى سەۋەب ھەققىدە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: «2022-يىلىمۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن كومىتېتىمىز ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كۈنتەرتىپىمىزگە ئاساسەن تەييارلىقلاردىن كېيىن بۇ قارارنى ئالدۇق. ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كۈنتەرتىپى مەۋجۇت مەسىلىنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ شۇنداقلا توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندا تەكرار توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ».