خىتاي تېننىس توپ چولپىنى پېڭ شۇەينىڭ غايىپ قىلىنىشى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-11-23
Share
خىتاي تېننىس توپ چولپىنى پېڭ شۇەينىڭ غايىپ قىلىنىشى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى كۈچەيتكەن غايىپ قىلىنغان خىتاي تېننىس توپ چولپىنى پېڭ شۇەي.
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاينىڭ داڭلىق تېننىس توپى ماھىرى، 3 قېتىملىق ئولىمپىك مېدالى ساھىبى پېڭ شۇەي 2-نويابىر كۈنى خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى جاڭ گاۋلىنىڭ ئۆزىگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۇ ئۇچۇر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاي تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈلگەندىن سىرت، پېڭ شۇەينىڭ ئۆزىمۇ ئۇچۇرى بىلەن بىرلىكتە غايىب بولغان.

پېڭ شۈەينىڭ جىمجىتلا غايىپ بولۇشى ۋە ھەتتا پىڭ شۇەي ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭمۇ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايدىكى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىشى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە زور ئەندىشە پەيدا قىلىپ خەلقئارالىق دىققەتكە ئېرىشكەن. ھەتتا خەلقئارا ئاياللار تېننىس توپ جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى تىجارىي مۇسابىقىلەردىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

شۇنداق بىر پەيتتە، 21-نويابىر يەكشەنبە كۈنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابى ۋە خەۋەر تورى ئارقىلىق تېننىس ماھىرى پېڭ شۇەينىڭ خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى توماس باخ بىلەن يېرىم سائەت سىن ئارقىلىق كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە «پىڭشۇەي ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلگەنلەرگە رەھمەت ئېيتتى ۋە كىشىلەردىن ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۆزىنىڭ ھازىر ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى،» دېيىلگەن.

ھالبۇكى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ نورمال بولمىغان بۇ ھەرىكىتى پېڭ شۇەينىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە يەنىمۇ زور ئەندىشە قوزغىدى. ئامېرىكادىكى «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىليام نى بۈگۈن بىز گە قىلغان سۆزىدە ئولىمپىك كومىتىېتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ھەرىكەت ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلچىلىكمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار ئادەم ئۇلارنىڭ ئادەملەرنى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي سۆزلىتىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان ئادىتى بارلىقىنى بىلىشى كېرەك. مەسىلەن، بۇنداق ئىشقا ئىلگىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى ۋاڭ يۈ، مۇستەقىل ئورگان خىزمەتچىسى پىتىر دابلىن قاتارلىقلار ئۇچرىغان. بىلگىنىڭىزدەك، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۆز تۇغقانلىرىغا قارشى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن داۋا قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. توماس باخ قارشى تەرەپتىن ‹ئەھۋالىڭ قانداق؟› دەپ سورىغاندا، ئۇنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلىشى ياكى ئۇنىڭغا راھەت گەپ قىلىدىغان شارائىتنى يارىتىشى كېرەك. مەنچە، بۇ ھەرىكەت ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىىگە ھېچقاچان چىن كۆڭلىدىن ئەھمىيەت بېرىپ باقمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا قارىماي دوستلۇق، باراۋەرلىك، كەڭ قورساقلىق تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى داۋاملىق خىتايدا ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرغانلىقى، ئولىمپىكنى يۆتكەش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا قۇلاق سالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەسلىدىلا ئېغىر تەنقىد ئاستىدا ئىدى. بىراق پېڭ شۇەينىڭ ۋەقەسى بىلەن ئولىمپىك كومىتېتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەر يەنىمۇ كۈچەيگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچۇ تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىش، مەجبۇرلاپ سۆزلىتىشتەك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتىدۇ» دەپ يازغان.

ئەمما خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بولسا 22-نويھبىردىكى كۈنىدىكى سۆزىدە: «بىز ئولىمپىك روھىغا خىلاپلىق قىلىپ تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق سۆز ۋە ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز،» دېگەن.

خىتاي تېننىس ماھىرى پېڭ شۇەينىڭ ئاقىۋىتى خەلقئارالىق دىققەتكە ئېرىشىپ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاراتقۇلىرى بىر قانچە قېتىم پېڭ شۇەينىڭ رەسىم ۋە كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى. ئۇلارنىڭ بىرىدە پېڭ شۇەي ئۆزىنى ئورىۋالغان بىر توپ بالىلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ ئىمزا تارقىتىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

«ۋاشىنگتون تەكشۈرگۈچىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى ئانچە ئىشقا يارىمىغان بولۇپ، خەلقئارالىق ئاياللار تېننىس توپ جەمئىيىتى يەنە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۆزلىرى قاچان پېڭ شۇەينى بىۋاستە كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمىگۈچە بۇنداق ۋىدىيولارغا بەك ئىشەنمەيدىغانلىقىنى» ئېيتىپ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى خۇ شىجىن بولسا خىتايدا چەكلەنگەن تىۋىتتېردا بۇ ۋىدىيونى ھەمبەھىرلەپ: «ئەگەر بىر ئادەم بېسىم ئاستىدا بولسا ئۇ مۇشۇنداق كۈلەلەمتى؟ بۇنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ نىيىتى قارا،» دەپ دوق قىلغان. تىۋىتتېردا خۇ شىجىنغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە: «سىلەر ئۇيغۇرلارنىمۇ كۈلۈشكە ۋە ئۇسسۇل ئويناشقا سېلىشنى ياخشى كۆرىسىلەرغۇ» دەپ يېزىلغان. ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغان رەددىيە ئىنكاسلىرىدا ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئېكرانلارغا چىقىپ سۆزلىتىلگەن داڭلىق شەخسلەر قاتارىدا ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ سۈرەتلىرىمۇ يەر ئالغان.

تېننىس توپ ماھىرى پېڭ شۇەينىڭ ۋەقەسى خىتايدا مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىلگەن، ئاۋازى ئۆچۈرۈلگەن نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ پەقەت بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋەقەسى خەلقئارادا ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. ھەتتا بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا لاگېرلارغا قامالغان، غايىپ قىلىۋېتىلگەن مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنىڭ بىر پېڭ شۇەينىڭ ئاقىۋىتىچىلىك دىققەت قوزغىيالمىغانلىقىدەك بەزى ئەپسۇسلىنىشلارغا يول ئاچتى. ئەمما ۋىليام نى ئەپەندى پېڭ شۇەينىڭ ۋەقەسىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆزگىچە بىر ۋەقە بولۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور رولى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «پېڭ شۇەي خەلقئارادا داڭلىق بىر تەنھەرىكەتچى بولۇشى، ئۇنىڭ چەت ئەللەردە نۇرغۇن ئالاقىسىنىڭ بولۇشى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاشكارىلاپ چىققانلىقىدەك بىر ئەمەلىيىتى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ۋەقەسىنى ھەر جەھەتتىن ئۆزگىچە، دەپ قاراشقا بولىدۇ ۋە بۇ ئۆزگىچىلىك مىلياردلارچە ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىدى. مەسىلەن، ئادەتتە سىياسەتكە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىىسىگە قىزىقمايدىغان تەنتەربىيە مەستانىلىرى بۇنىڭغا دىققەت قىلدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ قانداقلىقىنى، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، سۆزلىتىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ يەتتى. مەنچە، مانا بۇ يەردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، يەنىمۇ نۇرغۇن كىشى خىتاينى تونۇپ يېتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كىرىزىسنىڭ ماھىيىتىنى، ئۇلارغا قارىتىلىۋاتقان ئەيىبلەشلەرنىڭ يالغانلىقىنى، بۇنىڭ ھېچقانداق خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت تەلەپ قىلىپ جامائەت بېسىمى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.»

مەلۇم بولۇشىچە، پېڭ شۇەينىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن روگېر فېدېرېر، رافائىل نادال، نائومى ئوساكا، سېرېنا ۋىللىيامىس ۋە مارتىنا ناۋراتىلوۋا قاتارلىق داڭلىق تېننىس توپ چولپانلىرى سۆز قىلغان.

بۈگۈن يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت