بېلگىيە كۇبا جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021.06.04
بېلگىيە كۇبا جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بېريوسسېىلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بېلگىيە كۇبا جەمئىيىتى بىلەن بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
RFA/ Uyghuray

6-ئاينىڭ 3-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بېريوسسېىلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بېلگىيە كۇبا جەمئىيىتى بىلەن بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

Beligiye-Kuba-Jemiyiti-Namayish-2.jpg

ئىگىلىشىمىزچە، بېلگىيە كۇبا جەمئىيىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ۋە زۇلۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئېلىپ بارغان ئىكەن.

نامايىش بېلگىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە باشلىنىپ، 3:30 ئاخىرلاشقان. بۇ نامايىشقا بېلگىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تۈرك پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان باشقا جامائەتلەر، شۇنداقلا بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. نامايىش ناھايىتى يوقىرى كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان.

بېلگىيە كۇبا جەمئىيىنىڭ رەئىسى لېئو ئەپەندى بۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن ئاساسلىق كىشىلەردىن بىرى بۇلۇپ، ئۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.

Belgiye-Kuba-Jemiyiti-Reisi-Leo.jpg
بېلگىيە پايتەختى بېريوسسېىلدىكى خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشنى تەشكىللىگەن ئاساسلىق كىشىلەردىن بىرى بېلگىيە كۇبا جەمئىيىنىڭ رەئىسى لېئو ئەپەندى. 2021-يىلى 3-ئىيۇن. بېريوسسېىل، بېلگىيە.

ئۇ نامايىشتا قىلغان نۇتۇقىدا نامايىش مەيدانىدىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ۋە شۇنداقلا بېلگىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ھەمدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېزراق ئېتراپ قىلىشقا چاقىرىغان.

رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان لېئو ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىست كۇبا ھۆكۈمىتىگە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، كۇبا كومونىست پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن كۇبانىڭ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى كۈنسايىن كۈچەيگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ بېلگىيە كۇبا جەمئىيتىنىڭمۇ دېقىتىنى تارتىشى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىندىن دېرەك بېرىدىكەن.

بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئالدىنقى ئايدا بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئۈستىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلغاندىن كىيىن، بېلگىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بېلگىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر كۆپىيىشكە باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.