چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.05.25
Chanaqqele-Universiteti-yighin چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندىن بۇرۇن ئۇچرىشىش. 2024-يىلى 22-ماي، چاناققەلئە.
RFA/Arslan

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، تۈرك ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان، بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمەكتە.

22-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ «چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى» قارمىقىدىكى «ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت كۇلۇبى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى شۇنداقلا ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەخەد ئۇدۇن ئەپەندى سۆزدە. 2024-يىلى 22-ماي، چاناققەلئە.
چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەخەد ئۇدۇن ئەپەندى سۆزدە. 2024-يىلى 22-ماي، چاناققەلئە.
RFA/Arslan

يىغىنغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا دوكتور ئالىمجان بۇغدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان تارتىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى، بېشىدىن ئۆتۈۋاتقان پاجىئەلەر، خىتاي دۆلىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەسۋىرلەنگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان «چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى» قارمىقىدىكى «ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت كۇلۇبى» نىڭ رەئىسى مەۋلۇت ئەخمەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى سۆزدە. 2024-يىلى 22-ماي، چاناققەلئە.
چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى سۆزدە. 2024-يىلى 22-ماي، چاناققەلئە.
RFA/Arslan

مەۋلۇت ئەخمەت ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئاڭ-چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى ۋە بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يارىسىغا ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق».

مەۋلۇت ئەخمەت ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتى ئۇ يەردىكى تۈركلەر ۋە ئىسلامىيەتكە ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىشتىن ۋاز كەچمىدى، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈرك ياكى مۇسۇلمان بولۇش كېرەك ئەمەس، ئىنسان بولغانلىقىمىز بۇ زۇلۇمغا قارشى چىقىشىمىز ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر دائىم يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. بىز تۈرك ۋە ئىسلام چۈشەنچىسىگە ئىگە ياشلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللاش بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. بىز كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك».

چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-ماي، چاناققەلئە.
چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-ماي، چاناققەلئە.
RFA/Arslan

بىز يەنە «ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت كۇلۇبى» نىڭ مۇدىرى ياسىن يۈجەل ئىسىملىك تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سىستېمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملارغا قارشى بىزنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىگە، دىنى ئېتىقادىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق ھۇجۇملار ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانىنى يارىلاندۇرماقتا. بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ۋە ئاۋازىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋاقتى كەلدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەيمىز ۋە بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلىمىز. كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارالىق بىر ئۇنىۋېرسال پىرىنسىپتۇر، بۇ پىرىنسىپقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق بىر دەپسەندىچىلىك پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارانى ئالاقىدار قىلغان مۇھىم بىر مەسىلىدۇر. بىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئىنسانىيەت ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نالە-پەريادلىرىغا قۇلاق سالايلى ۋە بۇ ھەقسىزلىققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى».

چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا كۆرگەزمە. 2024-يىلى 22-ماي، چاناققەلئە.
چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا كۆرگەزمە. 2024-يىلى 22-ماي، چاناققەلئە.
RFA/Arslan

بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.