ئەنگلىيەدىكى خەير-ساخاۋەت ئورگىنى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى تاماق بىلەن تەمىنلەش پروگراممىسى يولغا قويدى
2023.08.15

ئەنگلىيەدىكى «Charity Right» (خەير-ساخاۋەت ھوقۇقى) دەپ ئاتالغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاچارچىلىقتا، قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ياردەم كۆرسىتىش ئورگىنى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ تامىقىنى تەمىنلەپ بېرىشكە باشلىدى.
2014-2015-يىللىرى تايلاند ۋە مالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 2000 دەك كىشى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار 8 يىلدىن بۇيان شۇ جايدا ياشىماقتا ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى، دىنى ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن 2018-يىلى «ئۇيغۇر مەكتىپى» قۇرغان بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپتە ھازىر 200 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتا-ئانىلىرى ۋەتىنىدە ۋە تايلاند تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقانلار بار بولۇپ، بۇلارغا ئۈچ ۋاق تاماق بېرىش زور بىر مەسىلىگە ئايلانغانىدى. ئەنگلىيەدىكى «Charity Right» ناملىق خەير-ساخاۋەت ئورگىنى ئۇلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىپ 200 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىنى تەمىنلەپ بېرىشكە باشلىغان.
مەزكۇر خەير-ساخاۋەت ئورگىنى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئاشخانا ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ، مەخسۇس مائاشلىق ئاشپەز قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى تامىقىنى تەمىنلەپ بېرىشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ تۈركىيەدىكى مەسئۇلى خۇمارگۈل ياقۇپ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «2021-يىلىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدىكى ‹ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك يۇرتى› بىلەن ‹ئاي بىلىك قىزلار مەكتىپى› ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىمىز. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن سۆھبەت ۋە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز. بىز بۇ يىل ئوقۇغۇچىلارغا تاماق ياردىمى بېرىش پائالىيىتىمىزنى قەيسەرىگىمۇ كېڭەيتتۇق. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 8-ئاينىڭ12-كۈنى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق. مەزكۇر پائالىيەتكە تەخمىنەن 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت ناھايىتى جانلىق، كۆڭۈللۈك ۋە مەنىلىك ئۆتتى. بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىمىزغا قەيسەرى مائارىپ تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەزالىرى، ‹ئۆتكۈر› جەمئىيىتى ۋەكىللىرى، ‹ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك يۇرتى› مەسئۇللىرى ۋە ‹ئاي بىلىك قىزلار مەكتىپى› ۋەكىللىرى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى. شۇنداقلا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى. بۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلاش بىلەن بىرلىكتە ،كەلگەن مېھمان ۋە ۋەكىللەر تەبرىك سۆزلىرىنى قىلدى».
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان قەيسەرى ئۇيغۇر مائارىپ تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر ھاجىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەكتەپنىڭ تونۇلغان ئىسمى قەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپى. بۇ مەكتەپتە 2018-يىلىدىن باشلاپ مەكتەپنى باشقۇرىدىغان خادىملار، ئوقۇتقۇچىلار، تازىلىقچى، ئاشپەزلەردىن بولۇپ تەخمىنەن 18-20 ئادەم ئىشلەيدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارغا پەننىي، دىنىي دەرسلەر ۋە دۆلەت مەكتەپلىرىدە ئۆگىتىلىۋاتقان دەرسلەر بىرلىكتە ئۆتۈلۈپ كەلمەكتە. مەكتىپىمىزدە 4 ياشتىن 16 ياشقىچە ئوقۇغۇچىلار بار. بىز بۇ مەكتەپتە قەيسەرىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا قۇرئانى-كەرىم، ئۇيغۇر ئانا تىلى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى نىئۆگىتىش بىلەن بىرلىكتە، فىزىكا ۋە ماتېماتىكا دەرسلىرىنىمۇ ئۆتۈۋاتىمىز. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى دۆلەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىپمۇ كەلگەنىدۇق. ھازىر مەكتىپىمىزدە 200 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىمىز بار.
بىز بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىپ-كېتىش، يېمەك-ئىچمەك ۋە دەپتەر قەلەم بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى قەيسەرىدىكى تونۇش-بىلىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن قىلىپ كەلگەنىدۇق. كىچىك ماشىنىلارنىڭ ئىچىگە كۆپ ساندا بالىلارنى چىقىرىپ مەكتەپكە ئەكېلىپ، جاپالىق خىزمەتلەر بىلەن مەكتەپ ماڭغانىدى. 2020-يىلى 18 كىشى پاتىدىغان بىر ماشىنا ئېلىپ بالىلارنى ئۇنىڭ بىلەن توشۇشقا باشلىدۇق».
ئابدۇغوپۇر ئەپەندى مەزكۇر مەكتەپتە ئاتا-ئانىسى ۋەتەندە ۋە تايلاندتا تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان يېتىم بالىلارنىڭمۇ ئوقۇۋاتقانلىقىنى، بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا تاماق تەمىنلەشتە زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئەنگلىيەدىكى «Charity Right» خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ مەكتىپىنىڭ ئاشخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇقلاپ، ئاشپەزلەرنىڭ مائاشىنى بېرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خۇمارگۈل ياقۇپ بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە تاماق تەمىنلەپ ياردەم قىلىشىدىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىدىكى مەقسىتى بولسا، ئۆز ۋەتىنىدىكى زۇلۇم ۋە چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان، قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىش، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ياخشى ئوبدان ئوزۇقلىنىپ، ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى تونۇغان ياراملىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت. بىز مۇشۇ مەقسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي كىملىكىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئىلىملەر ۋە قۇرئانى-كەرىم ئۆگىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەكتەپلەرگە تاماق ياردىمى بېرىشنى قارار قىلغان ئىدۇق».
ئۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا 2 خىل ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىر تۈركىيەدە ئىككى خىل ياردەم پروگراممىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش پروگراممىسى، يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ تامىقى بىلەن تەمىنلەش پروگراممىسىدۇر. بىز 3 يىلدىن بۇيان تۈركىيە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ھەر ئاي ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتىمىز».
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىسى رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ 2 يىلدىن بۇيان بۇ ئورگاندىن ياردەم ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىپ، ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن زور پايدىسى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خۇمارگۈل ياقۇپ خانىم «Charity Right» ناملىق خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ مەكتەپ تامىقى تەمىنلەپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ‹Charity Right› خەير-ساخاۋەت ئورگىنى 2016-يىلى ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان يېمەك-ئىچمەك ياردەم خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقئارالىق بىر ئورگاندۇر. ھازىر سۇدان، يەمەن، پاكىستان، ئافغانىستان، باڭلادىش، ئېفىيوپىيە، مالادى ۋە تۈركىيە قاتارلىق 8 دۆلەتتە مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى تاماق بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنىڭ مائارىپ خىزمەتلىرىنى قوللاۋاتىدۇ».