گۇما كۆكتېرەكتە چېگرادىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن 17 كىشىدىن 21 ياشلىق ئىدرىس مەمەت 19 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.06.14
uyghur-osmurni-soraq-qiliwatqan-uyghur-saqchila.jpg ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى تەن جازاسى بىلەن سوراق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ساقچىلار.
Social Media

تۈركىيەدىكى خوتەنلىك مۇھاجىرلاردىن بىرى 2014-يىلى كۈزدە يۇرتى گۇما ناھىيەسىدىن 30 نەچچە كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە شەرقى جەنۇبىي ئاسىياغا قاراپ تەڭ يولغا چىققانلىقى، بۇلاردىن بىرقىسمىنىڭ يول ئۈستىدە، كۆپىنچىسىنىڭ چېگرا ياقىسىدا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، پەقەت ئۆزىنىڭلا ئامان-ئېسەن تۈركىيەگە كېلەلىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىدا، 2014‏-يىلنىڭ ئاخىرى گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىدا 17 كىشىنىڭ چېگرادىن تۇتۇپ كېلىنگەنلىكى ۋە بۇلاردىن 21 ياشلىق ئىدرىس مەمەتنىڭ 19 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى.

2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى يەنە بىر بالداق يامانلاشقان ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپمۇ 2013-‏2014-يىللارغا كەلگەندە «ھىجرەت يولى» نى تاللاپ، بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا، يەنە بەزىلەر بولسا، ئۆز خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۈچۈن چارە ئىزدەشكە ئاتلانغانىدى. كۆپىنچىسىنىڭ قولىدا ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيىتى بولمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاز بىرقىسمى خىتاينىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىكى ئەتكەسچىلەر ئارقىلىق ئامان-ئېسەن چەتكە چىقالىغان بولسىمۇ، كۆپىنچىسى چېگرا بويلىرىدا ۋە چېگراغا كېتىۋاتقان يولىدا، ھەتتا بەزىلىرى يۇرتىدا بوسۇغىسىدىن ئاتلىماي تۇرۇپلا تۇتقۇن قىلىنغانىدى. بۇ تۇتقۇنلار ھەققىدە ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقالىغان سەپداشلىرى ئارقىلىق رادىيومىزغا ئىنكاسلار كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئاساسەن دېگۈدەك ئۇچۇر بولماي كەلگەن. بىز ھەر قېتىم، ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئەنە شۇ غايىبلارنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. يېقىندا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كەنتتە، ھىجرەت سەپىرىدە تۇتۇلغان 5 كىشىنىڭ كېسىلگەنلىكى، بۇلاردىن بىرىنىڭ 21 ياشلىق ئىدرىس مەمەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئىدرىس مەمەتنىڭ 19 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بۇ خادىم، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە چېگرادىن قايتۇرۇپ ئەكېلىنگەنلەرنىڭ گۇما ناھىيەسىگە تەۋە بولغانلىرى 17 كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مەلۇم بولۇشىچە، چېگرادىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلەر ئاساسەن دېگۈدەك ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن. كېسىم مۇددىتى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى بولسا، جەمئىيەتتىن، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىنمۇ مەخپىي تۇتۇلغان. ساقچى خادىمى ئىدرىس مەمەتنىڭ ئۈرۈمچى 1-تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن قانچە قېتىم كۆرۈشتۈرۈلگەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئىنكاس قىلىنىشىچە، چېگرادا تۇتۇلۇپ كېسىلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى داۋاملىق تۈردە نازارەت ئاستىغا ئېلىنماقتا، ئائىلە ئەھۋالىنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلماقتا. مەزكۇر ساقچى خادىمىمۇ ئۆزىنىڭ ئىدرىس مەمەت ئائىلىسىنى ئىزچىل نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىپادىسىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2011-يىلى گۇما ناھىيەسىدىن تاغ ئاتلاپ چەتئەلگە قېچىۋاتقان بىر گۇرۇھ تېررورچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرى سەۋەبلىك ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغاندا، جان ساقلاش ئۈچۈن ئانا زېمىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان 3 بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكا ۋە ئايال-بالىلىرى ئىكەنلىكى دەلىللەنگەنىدى.

يۇقىرىدا 2014-يىلى چېگرا ياقىسىدا تۇتۇلغان 21 ياشلىق ئىدرىس مەمەتنىڭ 19 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.