ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن تەنتەربىيە-چېنىقىش كۇلۇبى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021.09.07
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن تەنتەربىيە-چېنىقىش كۇلۇبى ئېچىلدى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تەنتەربىيە چېنىقىش مەركىزى.
Photo: RFA

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركسىتان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا تەنتەربىيە چېنىقىش مەركىزى ئېچىلدى.

6‏-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى بۇ چېنىقىش مەركىزىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى قاتناشتى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق سۆز قىلىپ، بۇ چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بولغان ئەمەلىي ئۈنۈمى توغرىسىدا توختالدى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تەنتەربىيە چېنىقىش مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى.
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تەنتەربىيە چېنىقىش مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى.

تاھىر كۆكبايراق سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى قارىمىدا ئېچىلغان بۇ چېقىنىش سالونى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۆز-ئارا تۇنۇشۇش پۇرسىتى يارتىپ بېرىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى بوكس، تايلاندچە مۇشتلىشى ۋە ئەركىن مۇشتلىشىش قاتارلىق تۈرلەردە بەدەن چېنىقىش ھەم مەشق ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، يېڭىدىن ئېچىلغان بۇ چېنىقىش كۇلۇبىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار ياشلارنى تەنتەربىيەگە رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تەنتەربىيەنىڭ مەقسىتى پەقەتلا ئالتۇن مېدال ئېلىش ۋە ياكى بىر يەردە مۇسابىقىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەمەس. تەنتەربىيە ئىنسان ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم بىر بەدەن ھەرىكىتىدۇر، چۈنكى ئىنسان ھەر زامان بىر ھەرىكەتكە ئېھتىياج تۇيىدۇ، شۇ ۋەجىدىن تەنتەربىيەنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىشىمىز ھەم تەن سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ھەم ئۆزىمىزنى تېخىمۇ روھلۇق تېخىمۇ كۈچلۈك تۇتۇش ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ بىر ياخشى باشلانغۇچ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنمى تېخىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، سېيىت نوچى، توختى چانباز دېگەن تارىختىكى شۇ باتۇرلىرىمىزمۇ تەنتەربىيەنى خەلقىمىز ئارسىدا كەڭ قانات يايدۇرغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل خەلقىمىزنىڭ ئۇغۇل-قىزلىرىنى تەنتەربىيە ئارقىلىق چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.»

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى ۋە ئىستانبۇلدا تەنتەربىيە چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ماددىي جەھەتتە بولسۇن ۋە مەيلى تەن-سالامەتلىك جەھەتتە بولسۇن، كۈچلۈك بىر خەلق توپى بەرپا قىلىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

9‏-ئاينىڭ 3 ‏-كۈنىدىن 5 ‏-كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى «مويتاي»، يەنى تايلاندچە مۇشتلىشىش جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 3 ‏-نۆۋەتلىك ياشلار-چوڭلار ۋە مۇتەخەسسىس تەنتەربىيەچىلەرنىڭ چىمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ مۇسابىقىغا شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تارمىقىدىكى ئۇيغۇر چېنىقىش كۇلۇبىدىن 6 نەپەر ئۇيغۇر ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ مۇسابىقىدە رەقىبلىرىنى يېڭىپ بىرىنچى بولغان ئىدى.

بىز ئۇيغۇر مۇشتلاشچىلارنىڭ مەشقاۋۇلى خالىد ئاتامان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خالىد ئاتامان، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئابدۇلئەزىز، ئىمران قاتارلىق ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ماھىرنىڭ ھەممىسى نىڭ رەقىبلىرىنى يېڭىپ بىرىنچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خالىد ئاتاماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇدا ئاچقان چېنىقىش مەركەزلىرىدە ھازىر 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش، مويتاي، ئەركىن مۇشتلىشىش ۋە بوكس تۈرلىرى بويىچە مەشق ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

ئۇلار ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەنتەربىيە ساھەسىدە چېنىقتۇرۇپ كەلگۈسىدە تۈركىيە ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلارغا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلتىش ۋە دۇنيا جامائىيىتىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا تارتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.