ئابدۇجېلىل مۇھەممەت: «تېخىمۇ چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننى دۇنياغا تونۇتىمەن! »
2023.10.05
ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر ياش ئابدۇجېلىل مۇھەممەت 29-سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە «ئالماس قايتۇرما زەربىسى» (Diamondback FC 18) ئەركىن مۇشتلىشىش تۈرىنىڭ 18-قېتىملىق مۇسابىقىسىدە رەقىبى لۇكاس شىمىت (Lucas Smitt) نى يېڭىپ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
ئۇچىسىغا ئالدى تەرەپكە ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئارقىسىغا «UYGHUR» دېگەن خەت ۋە بۆرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۆك مايكا، بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ مەيدانغا كىرگەن 23 ياشلىق ئابدۇجېلىل مۇھەممەت تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.
جەمئىي ئىككى مەيدان داۋاملاشقان تۆت مىنۇتتەك مۇسابىقىدە ئابدۇجېلىل مۇھەممەت بىرىنچى مەيداندىن باشلاپلا 67 كىلوگىراملىق رەقىبى لۇكاس شىمىتتىن ئۈستۈنلۈكنى تارتىۋالغان. ئابدۇجېلىل مۇھەممەت مۇسابىقىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە تاماشىبىنلارغا، ئۆزىنىڭ مەشىق گۇرۇپپىسىغا ۋە ئۆزىگە ھەمدەمدە بولۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرلارغا رەھمەت ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدىن ساۋاق ئېلىپ، «بۇ قېتىم تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق بىلەن كەلگەنلىكى ۋە مېدالغا ئېرىشكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
ئابدۇجېلىل مۇھەممەت رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە تېخىمۇ چوڭ مۇسابىقىلەردە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى دۇنياغا تونۇتۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇجېلىل مۇھەممەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.