كەنت سېكرېتارى: قوشماق تۇغقانلىرىمىز بىلەن داستىخاندا ئولتۇرساق ھالال-ھارام دېمەيمىز، چوشقا گۆشىنىمۇ يەيمىز
2019.07.02
خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ۋە خىتاينىڭ قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا باشلامچى بولۇۋاتقان خوتەندىكى مەلۇم بىر كەنت سېكرېتارى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قوشماق تۇغقىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ بۇ جەرياندا، ۋاڭ ۋە ما فامىلىلىك قوشماق تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ھالال-ھارامنى ئايرىماسلىقنى ئۆگەتكەنلىكى، شۇڭا قوشماق تۇغقانلىرى گۆش ئېلىپ كەلسە، چوشقا گۆشى بولسىمۇ يەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز خوتەندە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاشتا ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كەنت كادىرلىرىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، خوتەننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ئۆزى ئۈلگە بولۇۋاتقان بىر سېكرېتار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش قوشماق تۇغقان سىياسىتى، 2016-يىلدىن، يەنى چېن چۈەنگو دەۋرىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان ۋە ھەرقايسى جايلاردا قوشماق تۇغقان ھەپتىلىكى پائالىيىتى يولغا قويۇلغان. ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن بۇ ئاتالمىش قوشماق تۇغقانلارنىڭ ئائىلىلەردە نازارەتچىلىك قىلىشتىن باشقا، بۇ ئائىلىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، جۈملىدىن ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم؛ ئەمما بەزى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى، كۆپىنچە ئاھالىلەرنىڭ قاتتىق بېسىم ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماي، ھالال-ھارام كۆز قارىشىدا تەۋرىنىش بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ، چوشقا گۆشى يېيىشنى قوبۇل قىلغانلارنى ھۆكۈمەت زىياپەتلىرىدىن باشقا سورۇنلاردا ئۇچرىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.