تۈركىيەدە يەرلىشىپ قالغان خاتىپ سۇلتان ئەپەندى 22-ئاپرېل رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇرتىدىكى تۇغقانلىرىدىن 14 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
سۆھبەت جەريانىدا خاتىپ سۇلتان ئەپەندى تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەمدە ئۇلارغا ئارتىلغان ئاتالمىش «جىنايەت» لەر ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان تۇغقانلىرىدىن نەۋرە ئاكىسى ئابدۇشۈكۈر ئۆمەر 61 ياشلىق دېھقان ئىكەن. دائىرىلەر ئابدۇشۈكۈر ئۆمەر بىلەن ئۇنىڭ ئايالى بۇخەلچەم ساۋۇتقا «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ كۆپ پەرزەنتلىك بولغان، ھاشار ئەمگىكىدىن قاچقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز ياقا يۇرتلاردا تىجارەت قىلغان…» دېگەندەك باھانە-سەۋەبلەرنى ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» قىلىپ كۆرسەتكەن.
23-ئاپرېل كۈنى بۇ ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرىدىن زۆھرە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئابدۇشۈكۈر ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ ئايالى بۇخەلچەم ساۋۇت ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
زۆھرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېر ئىچىدىلا 7 يىللىق ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يېڭىسارلىق دېھقان ئابدۇشۈكۈر ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ ئايالى بۇخەلچەم ساۋۇت 2016-يىلى كۆز پەسلىدە ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى بەيگە مەيدانى بازىرىدىن يۇرتى يېڭىسارغا قوغلانغان ئىكەن. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن دائىرىلەر ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، يېڭىساردىكى لاگېرغا قامىغان. ئۇلار ئۈستىدىن لاگېر ئىچىدىلا سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلغان. يېڭىساردىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالغا «2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يېڭىساردىن 3 بالىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەتكەن. ئۈرۈمچىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، نورمىدىن ئارتۇق 4 پەرزەنتلىك بولغان،» دېگەندەك بىر قاتار سەۋەبلەرنى «جىنايى پاكىت» قىلىپ ئەيىبلىگەن.
خاتىپ سۇلتان ئەپەندى يەنە تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرى ئىچىدە 25 يىللىق ئېغىر قاماق جازاسى بېرىلگەن نەۋرە سىڭلىسى، 26 ياشلىق بۇمەريەم خۇدابەردى، ئۇنىڭ ئېرى 30 ياشلىق ئابدۇكېرىم مامۇت ۋە جېجياڭنىڭ يىۋۇ شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىغان ئىنىسى مەمەتئېلى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
خاتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ جېجياڭنىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىنىسى مەمەتئېلى سابىرنىڭ ئايالى ئايزۆھرە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئوقۇماقتىكەن.
ئايزۆھرە خانىممۇ 23-ئاپرېل رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەمەتئېلى بىلەن 2014-يىلى ئۈرۈمچىدە توي قىلغان ئىكەن. ئايزۆھرە خانىم 2016-يىلى ئوقۇش بىلەن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن دەسلەپكى چاغلاردا يىۋۇ شەھىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئېرى مەمەتئېلى بىلەن نورمال تېلېفون ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەمما 2017-يىلى 10-ئايدا ئېرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى تۇيۇقسىز ئۈزۈلگەن. كېيىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، قەشقەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن.
ئېرى مەمەتئېلى سابىرنىڭ قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئايزۆھرە خانىم ئېرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ كىچىكىدە دىنىي تەلىم ئالغانلىقى، ئۈرۈمچىدىكى «سادا» ناملىق ئەرەب تىلى كۇرسىدا بىر يىل ئوقۇغانلىقى ۋە تۈركىيەدىكى تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسىدا بولغانلىقى قاتارلىقلار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00