فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى: خىتاينىڭ دىلنۇر رەيھان ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى ئەدلىيە جەھەتتىن پاراكەندىچىلىك سېلىشتۇر

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.03.12
dilnur-reyhan ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم فىرانسىيەنىڭ ئېۋېرىي شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئالدىدا. 2025-يىلى 12-مارت.
RFA/Hebibulla Izchi

12-مارت، فىرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ ئېۋېرىي شەھىرى سوت مەھكىمىسىدە دىلنۇر رەيھاننىڭ «ئېۋېرىي ئىنسانىيەت فېستىۋالى» دا خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سىمۋول قىلىنغان قىزىل سىر چېچىۋېتىش ۋەقەسىگە قارىتا سوت ئېچىلىشى كېرەك ئىدى. سوتقا دىلنۇر رەيھان قاتارلىقلار كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دەۋاگەر خىتاي ئەلچىخانىسى ۋەكىللىرى سوتقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ سوت ئېچىلماي قالغان.

ۋاھالەنكى، فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى «خىتاينىڭ مەقسىتى، دىلنۇر ۋە گۈلباھار جېلىلوۋاغا ئوخشاش كىشىلەرنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاش، پائالىيەتلىرىدىن توسۇشتۇر. خىتاي مۇھاجىرەتتىكى خەلقلەرگە ئەدلىيە جەھەتتىن پاراكەندىچىلىك سېلىش ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا»، دەپ ئىپادىلىگەن.

دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى سوت ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى.

ئەسلىدە بۈگۈن، يەنى 12-مارت كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدا باشلىنىدىغان سوتقا دىلنۇر رەيھاندىن باشقا يەنە، دىلنۇر رەيھاننىڭ ئادۋوكاتى، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلىك كوللېكتىپى» نىڭ ئەزالىرى، شۇنداقلا فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئونغا يېقىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، تەتقىقاتچىلار، دۇنيا گېزىتى، فىرانسىيە خەۋەرلىرى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخباراتلاردىن مۇخبىرلار كېلىپ قاتناشقان. سوتتىن كېيىن بىز دىلنۇرنىڭ ئادۋوكاتىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ بۇ سوت ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى.

2022-يىلى فىرانسىيەنىڭ ئېۋېرىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنسانىيەت فېستىۋالدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى خىتاي چېدىرى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارماقتا.
2022-يىلى فىرانسىيەنىڭ ئېۋېرىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنسانىيەت فېستىۋالدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى خىتاي چېدىرى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارماقتا.
RFA/Hebibulla Izchi

ئۇ مۇنداق دەيدۇ «مەن بۇ سوتقا قاتناشتىم، بۇ سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى بىر پاجىئە ئەمەس. فىرانسىيە ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە دىلنۇرنىڭ قىلغىنى ئۇ زوراۋانلىق ئەمەس بەلكى ئۇ پىكرى ئەركىنلىكى، شۇنداقلا فىرانسىيە قانۇنىي تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئاساسلىق ئىككى چوڭ ئەركىنلىكنىڭ بىرى. شۇڭا، سوت بۇ خىل ئەھۋالدا بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىشى كېرەك. بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاينىڭ باش ئەلچىسىنىڭ فىرانسىيە ئەدلىيەسىنى ئۆزلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىدىكى ۋاسىتە قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدۇر. خىتاي سوتقا سۇنغان ئەرزى بويىچە ھېچكىمنى ئەۋەتمىدى. ئېنىقكى، بۇ فىرانسىيەگە نىسبەتەن بىر زۇلۇم، بۇ، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ چەت ئەلگىچە ئۇزىرىشىدۇر، بۇ، خىتاينىڭ پائالىيەتچىلەرنى قورقۇتۇش، ئاۋازىنى بوغۇش، زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى؛2022-يىلى فىرانسىيەنىڭ ئېۋېرىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىنسانىيەت فېستىۋالى» غا خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن يېشىللار پارتىيەسى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دىلنۇر رەيھان باشچىلىقىدىكى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىرلىشىپ خىتاي چېدىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، دىلنۇر رەيھان ۋە لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خىتاينىڭ تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىغا قىزىل رەڭلىك سىر چېچىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. دىلنۇر بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنىمۇ ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىگىلىشىمىزچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەت قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى قوللىنىپ، تەتقىقاتچى ۋالېرىي نىكېت ئۈستىدىن فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلىك كوللېكتىپى باشلىقى ئانتونېي ئانتېست ئۈستىدىن كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئارقىلىق ئەرز قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم بولسا دىلنۇر رەيھان ئۈستىدىن فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئەرز قىلغان.

فىرانسىيەدىكى ھەربىي مەكتەپ ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ 2021-يىلىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى «ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتى، مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى ۋە بېيجىڭنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا پىسخىكا ھەم قانۇن ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك سېلىش» ھەرىكىتى ھەققىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا «ئەدلىيە جەھەتتىن پاراكەندىچىلىك سېلىش» ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.