خىتاي خوتەندە «ئامىن» دېيىشنى چەكلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.12.19
xoten-namaz-jamaet-305.png خوتەندىكى جامائەت
AFP


يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ھۆججەت چىقىرىپ، دىنىي پائالىيەتلەردە دۇئادىن كېيىن «ئامىن» دېيىشنى چەكلىگەن. خىتاي بۇ چەكلىمىسىنى تەشۋىق قىلىشتا قۇرئانى كەرىمدىكى 7 - سۈرە 55 - ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئامىننى يۈكسەك توندا دېيىشنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ھەقتە بۈگۈن رادىئومىزغا پىكىر بايان قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىغا پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە خىتاي تەرەپ ياللىۋالغان دىنىي زاتلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى جەريانىدا مەزكۇر ئايەتنى سۈيئىتىمال قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ يەنە خىتاينىڭ بۇ چەكلىمىسىنى «ئېتىقادنىڭ كۈچىيىشىدىن قورقۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش» دەپ ئىزاھلىدى.

قارىقاش ناھىيىسىدىكى بىر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم « 30 نېمە ئۈچۈن» ناملىق بىر تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتقان؛ ماتېرىيالدا خوتەندە يولغا قويۇلۇۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ ھە ربىرىگە «نېمە ئۈچۈ»" دېگەن سوئال قويۇلۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر - بىرلەپ جاۋاب بېرىلگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، 30 سوئالنىڭ بىرىنچىسى «نېمە ئۈچۈن دىنىي پائالىيەتلەردە دۇئا قىلغاندا ئامىن دېيىش قەتئىي چەكلىنىدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن:

- بىرىنچىدىن، بۇ، ئىسلام ئەقىسىدىگە خىلاپ، قۇرئانى كەرىمنىڭ 7 - سۈرە 55 - ئايتىدە «پەرۋاردىگارىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار، ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقىتەن ياقتۇرمايدۇ» دېيىلگەن. ئىككىنچىدىن، ئامىننى يۈكسەك توندا دېيىش ئەسەبىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ...

بىز بۈگۈن بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنسىزلار پارتيىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىنىي ئەھكاملار ئۈستىدىن پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن خىتاينىڭ ياللانما دىنىي زاتلىرىنىڭ مەزكۇر ئايەتنى سۈيىئىستىمال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:

- قۇرئاندا شۇنداق بىر ئايەتنىڭ بارلىقى راست، ئەمما ئۇ پەقەت ناماز ۋاقتىدا سۈرە فاتىخەنى ئوقۇغاندىن كېيىن، دۇئانىڭ پەس ئوقۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلىپ دېيىلگەن، بۇ پۈتۈن دۇئالاردا ئامىن تۆۋەن ئاۋازدا دېيىلسۇن دېگەنلىك ئەمەس، يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇسا، قەتئىي بولمايدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس..... بۇ يەردە مەزكۇر ئايەت سۈيئىستىمال قىلىنغان.

دىنىي تەھسىلىنى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىدىن ئالغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، ئادەتتە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دۇئانى يۈكسەك توندا ئوقۇشنى ھەم پەس توندا ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەزھەپلەر بارلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ پرىنسىپال يەنى ئەقىدىگە بېرىپ تاقىشىدىغان مەسىلە ئەمسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئارقىدىن خىتاينىڭ مەزكۇر چەكلىمىسىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختالدى:

- ئۇيغۇرلار بۈگۈن پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيەتكە قارىتا پوزىتسىيەسىنى ۋە مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە جامائەت بۈگۈنكىدەك بىر ۋەزىيەتتە، يەنى تەبلىغ ۋە دۇئانىڭ مەزمۇنلىرى چەكلەنگەن ۋەزىيەتتە، دۇئانى يۈكسەك توندا ئېيتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرىتىنى ئىپادىلىشى، بۇ ئارقىلىق بىر - بىرىگە ئىلھام بېرىشى، ئىنتايىن نورمال، بۇنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق. خىتاي پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك توندىكى دۇئالاردىن ئىلھاملىنىپ ئېتىقادىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ ئاۋازىنى بوغۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ......

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاينىڭ «ئامىن» نى چەكلىگەنلىكى ھەققىدىكى ھۆججەتنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خوتەندە يولغا قويۇلىۋاتقانلىقى ئېنىق، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدا يولغا قويۇلغان ياكى قويۇلمىغانلىقى ھازىرچە رادىئومىزغا مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.