ياڭ جيەنلى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.03.04
yang-jyenli-tibet-namayish-305.jpg «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى تىبەتلەرنىڭ نامايىشىدا سۆز قىلدى. 2012-يىلى 8-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
RFA

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جيەنلى ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش»، «دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىشنى چەكلەش»، «18ياشقا توشمىغانلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى مەنئى قىلىش» قاتارلىق ھەرىكەتلەر، شۇنداقلا ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ سىننا تورىدىكى مەلۇم بلوگدا ئېلان قىلىنغان «قۇرئان كەرىمىنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش» تەشەببۇسى، ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭلا نارازىلىقىنى قوزغاپ قالماي، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلە ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش»نامىدىكى بۇ خىل دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى سەۋەبلىك يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك خاھىشىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ مەسىلىلەرگە ھۇشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 28-فېۋرال ۋە 4-مارت كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە سىننا تور بېكىتىدە 25-فېۋرال ئېلان قىلىنغان قۇرئان كەرىمىنى ھاقارەتلەيدىغان يازمىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئۇيغۇربىز تورى باشقۇرغۇچىسىنىڭ سىننا تورىغا خەت يېزىپ بۇ خىل يازمىلارنى توردىن ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئەمما سىننا تور بېكىتىدە 4-مارت كۈنىمۇ «گۇ جيەنچيۇ ماركىست» ئىسىملىك بلوگ ساھىبىنىڭ تورىدا بۇ يازمىنىڭ ئۆچۈرۈلمەي شۇ پېتى تۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىمۇ 28-فېۋرال ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان بۇ يازمىنى سىننا تور بېكىتىنىڭ 4-مارتقا قەدەر ئۆچۈرمەسلىكى ھەم خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا دائىرىلەرنىڭ بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىغا چارە بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئىنكاس يېزىلماسلىقىدەك ئەھۋالنىڭ ئۆزىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان كۈنىدىن باشلاپلا بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش نىشانى قىلىپ كەلدى. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش ۋە تىل جەھەتتە خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت تارىخى، ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە تىل قاتارلىق جەھەتتە خىتاي مىللىتىدىن تۈپتىن پەرقلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر دەپ قارىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلاردا بۆلۈنۈش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە. ئۇلارنىڭ (خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ) ئاخىرقى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش.»

25‏-فېۋرال كۈنى ئۆزىنى«ماركىست»دەپ ئاتىۋالغان بىر خىتاي «سىننا» تورىدىكى شەخسى مىكروبلوگىدا پىكىر يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق «قۇرئان كەرىم» نى توپلاپ كۆيدۈرۈۋېتىشكە چاقىرغان. مەزكۇر خىتاي يازمىسىدا:«كىشىلەر ئارىسىدىكى ئاداۋەت، كەمسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى قۇرئان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا،مەملىكەتلىك قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى، مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان سېرىق نەشرىيات بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى بارلىق قۇرئان كەرىملەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئاتالمىش «قايمۇقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاز سانلىق مىللەتنى قۇتقۇزۇۋېلىش كېرەك » دەپ يازغان. بۇ يازما توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، سىننا تور بېكىتى بۇ يازمىنى 4-مارتقا قەدەر ئۆچۈرمىگەن ۋە بۇ يازمىنى شەخسى بلوگىدا قويغان «ماركىست» ئىسىملىك كىشىگە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قانداق چارە كۆرگەنلىكى ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا چەكلىمە قويۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ھەتتا يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتكلەپ مۇنداق دېدى.

«نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە قارىتا ھەر خىل توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا. مەسىلەن، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋە سودا شىركەتلىرىدە ئىشلىگۈچىلەرنى خىتاي تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرلاش، ئۇيغۇر تىلىنى ئېتىبارسىز قالدۇرۇش ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇش. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ئۇيغۇن بولغان كىيىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاخىرقى ھېسابتا خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش خاھىشىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتە (خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن) ئوخشاش بولۇشقا مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس ئۆرپ-ئادەت، كىيىنىشلىرىگىمۇ چەكلىمە قويماقتا. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا سىننا تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئانغا ھۇجۇم قىلىنغان بۇنداق يازمىلارنىڭ چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىدىكى خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە يېزىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ياڭ جيەنلى ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«سىننا تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خىل يازمىلار گەرچە ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق يازمىلارنىڭ يېزىلىش سەۋەبى ۋە بۇ خىل يازمىلار ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتكە دىققەت قىلىش كېرەك. مېنىڭچە، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دېموكراتىك تەشكىلاتلارنىڭ نۆۋەتتىكى يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپىسى دېموكراتىك دۆلەتلەردىلا خىتايدىكى، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىپ، دىنىي باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي چېگرىسى ئىچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىجابىي جەھەتتىن تونۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن تەتۈر تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىدا كۈچىيىۋاتقان چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم.»

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ 4-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۆزىگە «گۇ جيەنچيۇ ماركىست» دەپ نام قويۇۋالغان بۇ بلوگچىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلغان يازمىلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، تۇڭگان، مانجۇ قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ھاقارەتلەپ يازغان يازمىلىرى ئۇنىڭ بلوگىدا ھېلىمۇ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇسۇلمانلار ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھاقارەتلەنگەن بۇ يازما ساھىبىغا ھازىرغىچە ھېچقانداق چارە كۆرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.