ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ «رادىكاللىق ۋە ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىش يولىدىكى «ئەسەبىي» ھەرىكەتلىرى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.11.30
diniy-zatlar-kommunist-partiye.jpg خىتاي مىللەت ۋە دىن خىزمىتى كادىرلىرى، دىنىي زاتلارنى قەرەللىك ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملىرى بىلەن تەربىيىلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. پوسكام.
dihan.com.cn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» دېگەن نام بىلەن ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل پائالىيەتلەر بولسا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار دائىرىلەر يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر خىل يوسۇندىكى مەجبۇرىي پائالىيەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەسەبىيلىككە كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «دىنىي رادىكاللىق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نى قاتتىق تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، دەپ كۆرسەتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا قىلغان ھەر بىر خىزمەت سەپىرىدە يەرلىك ئورۇنلاردىن دىنىي رادىكاللىق، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەشنى، رادىكال ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىمەكتە. بىز يەرلىك ئورۇنلارنىڭ يۇقىرىنىڭ چاقىرىقى بويىچە، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن خوتەن ناھىيىسىدىكى لايېقېزى يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىزغا چىققان نۆۋەتچى خادىم ھازىر يېزىدا دىنىي رادىكاللىق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېزىدىكى 18 ياشتىن يۇقىرى بولغان ئەر-ئايال ھەممە كىشىنىڭ ھەپتىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 2 قېتىم ئارغامچا تارتىش، چېلىشىش دېگەنگە ئوخشاش ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىز يەنە بۇ نۆۋەتچى خادىمنىڭ سۆزلىرىدىن دائىرىلەرنىڭ يېزىدىكى دىنىي خاھىشى كۈچلۈكرەك بولغان ۋە ياكى «ۋاھابىلەر» دەپ ئاتىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ھەپتىدە ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم بېرىپ، ئۇلارغا سىياسىي-ئىدىيە خىزمىتى ئىشلەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش دېگەن نام بىلەن جەنۇبتىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر ۋە يېزىلاردا دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى، دېھقان-چارۋىچىلارنى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى رەسىم سىزىش، ئىتوت ئويناش، لېكسىيە سۆزلەش، ئۇسۇل ئويناش، تانسا ئويناش ۋە تەيجى گۇمپىسى ئويناش دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇردى. ھەتتا، ئۆتكەن يىلى خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسىدە رامىزاننىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرى پىۋا ئىچىش مۇسابىقىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، بۇ يىل يەنە يەكەن ناھىيىسىدىكى ئون مىڭلىغان ئامما «تۈمەن كىشىلىك تەيجى گۇمپىسى ئويناش» قا سېلىندى. دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دېگەن شوئارلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش دىنىي رادىكاللىق، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆزى چېكىدىن ئاشقان ئەسەبىيلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا ئەپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنيادا ھېچبىر يەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋاللىقىنى بىلدۈردى.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقىلىۋاتقان خەۋەرلەردىن يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تانسا ئويناشنىمۇ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ۋە تارقالغان بىر ۋىدىيو كۆرۈنۈشى ئارقىلىق دەلىللەنگەن ئىدى. بىز خوتەن ناھىيىسىدىكى يەنە بىر يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ يېزىدا تانسا ئويناش پائالىيىتى بولغان ‏-بولمىغانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، بۇ ساقچى بىزنىڭ ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلغىنىمىزنى ئاڭلاپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى دىنىي رادىكاللىق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى سۈپىتىدە جىددىي يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسان ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئەپ بېرىلىۋاتقان بۇ چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.