گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار رامىزانلىق مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.07.04
gollandiye-iptar-ramizan-Dua.jpg ئىپتاردا ھەمداستىخان بولغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇئا قىلماقتا. 2015-يىلى رامىزان.
RFA/Pida’iy

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار رامىزاننىڭ 27‏-كۈنى ۋە 28‏-كۈنلىرى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولۇپ، تۈنەك پائالىيىتى قىلدى.

پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەت گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر جەمئىيەتتە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك بولۇپ كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى.

پائالىيەتتە ۋەز-تەبلىغ، ناماز-قىرائەت، دۇئا-سالام، دوستلۇق-قىرىنداشلىق، ھال-ئەھۋاللىشىش ۋە ئىفتار-سوھۇرلۇقتا ھەمداستىخان بولۇشتەك مول مەزمۇنلۇق پروگراممىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشتىراكچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردە بىرگە ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن چاغلىرىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2013‏-يىلدىن بېرى مەزكۇر ئورۇندا مۇقىملىشىپ مائارىپ، تەلىم-تەربىيە، دىنىي، مىللىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.