گوللاندىيەدىكى ئىپتاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈرك، ئىسلام، غەرب دۇنياسىغا ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 300 دىن ئارتۇق تۈرك، ئىسلام، غەرب ئەللىرى كىشىلىرىنى ئىپتار سورۇنىغا جەم قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى، گوللاندىيە پارلامېنتى ئەزالىرى، گوللاندىيەدىكى تۈرك، ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى، ئۇيغۇر جامائىتى بولۇپ يۈزلىگەن كىشى تەكلىپ قىلىنغان. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئوبۇل قاسىم ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، پائالىيەتنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەدىن د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن بۇ ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنىڭ يالغۇز بىر ئىپتار پائالىيىتى ئەمەس، بەلكى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» نى تۈرك، ئىسلام، غەرب ئەللىرىگە ئاڭلىتىش مۇراسىمى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن جامائەت ئەربابى ئەيسا قارىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ كۈنسېرى ئېغىر زۇلۇملارغا مۇپتىلا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تەشۋىق قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئىپتار پائالىيىتى ھەققىدە توختالغاندا، پائالىيەتنىڭ ئۆزلىرى كۈتكەندىن ئارتۇق نەتىجە ھاسىل قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بۇ قېتىمقى ئىپتار پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، پۈتۈن ئىسلام، تۈرك ئالىمىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىشنى مۇراجىئەت قىلغان.