«ئوتتۇراھال ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيىدىن يىراق تۇرۇش» يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى نېمىنىڭ بېشارىتى؟
2014.05.19

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيىسى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەشھۇر ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە مەشھۇر ئۆلىمالار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ئىسلام دىنىدا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى مۇھاكىمە قىلدى ھەمدە خىتاي مۇسۇلمانلىرىنى «ئوتتۇراھال ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيىدىن يىراق تۇرۇش» قا چاقىرىق قىلدى.
خىتاي قانداق بولۇپ بۇنداق مەزمۇندىكى بىر يىغىن چاقىرىش ئېھتىياجى ھېس قىلدى؟ بۇ نېمىنىڭ بېشارىتى؟ ئىسلام دىنىدا ئوتتۇراھال ئىدىيە بارمۇ؟ غەرب دۆلەتلىرىدە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مۆتىدىل ئىسلام بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە تۈركىيە قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ھەرقانداق دىننى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر يىغىننى چاقىرىشى دىننىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوبۇل قىلىشنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي دەۋاتقان «ئوتتۇراھال ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيىدىن يىراق تۇرۇش» تىكى «ئوتتۇراھال ئىدىيە» ئاتالغۇسىنىڭ كۇڭزى ئىدىيەسىدىن كەلگەنلىكىنى، بىر ئىشنى ياخشىمۇ ئەمەس، يامانمۇ ئەمەس قىلىش مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىگە ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرسەتتى.
قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى خىتاي «ئوتتۇراھال ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيىدىن يىراق تۇرۇش» نامىدا بۇنداق يىغىن چاقىرىشىدىكى مەقسىتىنىڭ يەنىلا دىننى كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي خانېپى مەزھىپىدىن بولغاچقا ئەسەبىي دىنچىلىقنىڭ يوقلۇقىنى، ئەگەر پەيدا بولغان بولسا بۇنىڭ خىتاينىڭ خاتا دىن سىياسىتىنىڭ مېۋىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.