ئىستانبۇلدا 1000 غا يېقىن ئۇيغۇر جەم بولۇپ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.07.07
istanbulda-raza-heyt-1.jpg ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىغىلدى. 2016-يىلى 6-ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 6-ئىيۇل (روزا ھېيتنىڭ 2-كۈنى) ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 1000 غا يېقىن كىشى دېڭىز بويىدىكى باغچىغا جەم بولۇپ، روزا ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي، زەيتۇنبۇرنۇ قاتارلىق ئوخشىمىغان جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مەخسۇس ئاپتوبۇس ۋە كىچىك ماشىنىلار بىلەن ئاۋجىلار دېڭىز بويىدىكى باغچىغا جەم بولدى ۋە بىر -بىرىنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلەشتى.

پائالىيەتكە ئىبراھىم داموللام رىياسەتچىلىك قىلدى. كېيىن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى ۋە پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە روزا ھېيتنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

كېيىن پائالىيەت رىياسەتچىسى ئىبراھىم داموللام سۆز قىلىپ، روزا ھېيتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىشىگە ۋاسىتە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن ئابدۇئېزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر-ئىختىلاپلارنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بىرلىك-باراۋەرلىك ھاسىل قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالدى.

پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر شائىر ئابدۇرېھىم پاراچ ئۆزىنىڭ روزا ھېيتقا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، چەتئەللەردىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمى مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.