سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈرك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھافىز مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەككىگە كەلگەن ھاجىلار ئارىسىدىكى ئىشەنچلىك بۇ دوستۇمنىڭ ئەپسۇسلىنىش بىلەن ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاپ بىزدە مۇناپىقلىقنىڭ ۋە ساتقۇنلۇقنىڭ نەقەدەر تۈرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران قالدىم. دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى بەش ۋاخ نامازنى مەسچىتى ھەرەمدە ئوقۇيدىغان، ھەرەمدىن چىقمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزى ئۇچرىشىپ قالغان ئۇيغۇر ھاجىلارنى يانفون ئارقىلىق رەسىمگە تارتىۋېلىپ ۋەتەندىكى خوجايىنلىرىغا يوللاپ بېرىپ تۇرىدىغان، مۇقەددەس جاي مەككىدە تۇرۇپ، يەنە مەسچىتى ھەرەمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ بۇ ساتقۇنلۇق قىلمىشىنى سادىر قىلىدىغانلا بار ئىكەن. ئۇلار تەرىپىدىن رەسىمى ۋەتەنگە يوللانغان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ ئائىلىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە چىداپ تۇرالماي مەككىدىكى ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ تېز قايتىپ كېلىشىنى ئۆتۈنىدىكەن. چۈنكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھاجىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كادىر بولسا ئىشتىن بوشىتىش، سودىگەر ياكى كاسىپ ياكى دېھقان بولسا ئېغىر جەرىمانە قويۇش بىلەن تەھدىت قىلىدىكەن، بەزىلىرىنى سولىۋېلىپ ئاتا-ئاناڭ كەلسۇن، ئاندىن سېنى چىقىرىمىز دەپ قاماققا ئالىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن مەككىگە كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلار بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقىدىكەن، ۋەتەندە بىر-بىرى بىلەن ئىزدىشىپ يۈرىدىغان خېلى يېقىن كىشىلەرمۇ بۇ يەردە بىر-بىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ كېتىدىكەن. مۇمكىن قەدەر ئۇچرىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىدىكەن. مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ۋەتەندىن كەلگەن تەھدىتلەر يۈزىسىدىن ھەج ۋاقتىغىچە تۇرالماي ئانا ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن ھاجىلارنىڭ سانى ئاز ئەمەسكەن. ئۇلار بىر ئۆمۈر ئارزۇ قىلىپ، تاپقان تەرگەنلىرىنى پاسپورت ئېلىش، بۇ يەردىن تۇرۇش ۋىزىسى ئېلىش ۋە يول چىقىمى ئۈچۈن خەرج قىلىپ مىڭبىر تەسلىكتە بۇ مۇقەددەس جايغا كەلگەن بولسىمۇ، ساتقۇنلارنىڭ مەلۇم قىلىپ قويۇشى سەۋەبلىك ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقتىن، چارىسىز ھالدا ئانا ۋەتەنگە كەلگەن پېتى قايتىپ كەتمەكتە ئىكەن.»
ھەرەمدە قىلىنغان گۇناھنىڭ جازاسى ھەسسىلەپ بولىدۇ
ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھافىز يەنە مۇنداق دېدى: «ئىسلامدىن ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى مۇشرىك ئەرەبلەر ئەقىدىسى شۇنچىلىك بۇزۇق، ئەخلاقى شۇنچىلىك يامان، قىلمىشلىرى شۇنچىلىك رەزىل تۇرۇپمۇ، ھەرەمگە قاتتىق ھۆرمەت قىلاتتى. ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قاتىل ھەرەمگە كىرىۋالسا، ئۇ تاكى ھەرەمدىن سىرتقا چىقمىغۇچە تەگمەيتتى، ھەرگىز ھەرەمنىڭ ئىچىدە قان تۆكۈش، گۇناھ قىلىش خىيالىدا بولمايتتى. ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىنمۇ مۇسۇلمانلار مەسچىتى ھەرەمنى ئۇلۇغلاپ كەلدى، ھەرەم دائىرىسى ئىچىدە گۇناھ سادىر قىلىشتىن ئىنتايىن ھەزەر ئەيلەپ كەلدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان: «كىمكى ئۇ يەردە (يەنى مەسچىتى ھەرەمدە) زۇلۇم بىلەن ئازغۇنلۇقنى خالايدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابتىن تېتىتىمىز.» (ھەج سۈرىسى25-ئايەت.) بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دېگەن: «مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرگە ھەسسىلەپ كۆپ ساۋاب يېزىلغاندەك، بۇ شەھەردە سادىر قىلىنغان گۇناھ-مەسىيەتلەرگىمۇ ھەسسىلەپ گۇناھ يېزىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ جايدا قىلغان بىر گۇناھنىڭ جازاسى ھەسسىلەپ بولىدۇ. چۈنكى بۇ شەھەردە گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغانلىق ئىككى چوڭ جىنايەتنى سادىر قىلغانلىق بولىدۇ: بىرى، مەزكۇر گۇناھنى قىلغانلىق، يەنە بىرى، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر. بۇ ئىككى جىنايەتنىڭ جازاسى ئەلۋەتتە ھەسسىلەپ ئېغىر بولىدۇ. ئايەتتىكى«زۇلۇم بىلەن ئازغۇنلۇق» تىن مەقسەت دىنىمىزدا مەنئى قىلىنغان بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەردۇر.» ئىمام تەبەرى ئۆز تەپسىرىدە ئىلگىرىكى ئۈلگىلىك زاتلارنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل قىلغان: «بىراۋ بىرەر گۇناھنى قىلىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدۇ. ئەمما بىراۋ گەرچە ئۆزى باشقا بىر جايدا بولسىمۇ مەككىدە گۇناھ قىلىشنى ئويلىسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلىدۇ.» بۇنىڭغا ئاساسەن، بىراۋ مەككىدە تۇرۇپ بىرەر گۇناھ قىلىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرسە، ئۇنىڭغا شۇ گۇناھنى قىلغانلىقنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ. چۈنكى ئۆزى باشقا بىر دۆلەتتە تۇرۇپ مەككىدە يامان قىلىش ئويىدا بولغان ئادەمگە گۇناھ يېزىلغان يەردە، مەككىدە تۇرۇپ يامان خىيالدا، گۇناھ قىلىش ئويىدا بولغان ئادەمگە قانداقمۇ گۇناھ يېزىلمىسۇن؟!
ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، بىزنىڭ شۇ بەزى ئۇيغۇر كىشىلىرىمىز ۋەتەندە قىلغان رەزىللىكلىرىگە بۇ يەردە تەۋبە قىلىپ، گۇناھتىن پاكلىنىشنىڭ ئورنىغا بۇ يەرگە كېلىپ بىچارە ھاجىلارنى زالىملارغا چېقىپ قويۇپ، ئۇلارنى ھەج قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماقتا. بۇنىڭدىن ئېغىر گۇناھ بارمىدۇ؟ بۇنىڭدىن يامان مۇناپىقلىق بارمىدۇ؟ بۇ مۇناپىقلار مەسچىتى ھەرەمگە نېمىشقا كىرىدىغاندۇ؟ ئوقۇغان نامازلىرىمىز ۋە قىلغان ئىبادەتلىرىمىز قوبۇل بولىدۇ، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ ئۇلارغا بۇ پەتىۋانى كىم بەرگەندۇ؟ ھەرەم تەۋبە قىلىدىغان يەرمۇ ياكى گۇناھ قىلىدىغان، ئادەم چاقىدىغان، ھاجىلارنى مەلۇم قىلىدىغان جايمۇ؟ «ئاللانىڭ مېھمانلىرى» دەپ ھۆرمەتلىنىدىغان، ئۆيىدىن چىققاندىن تاكى يەنە ئۆيىگە قايتقۇچىلىك پۈتۈن سەپىرى ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان شۇ ئۇلۇغ ھاجىلارنىڭ يۈرىكىنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى پەرىشان قىلىپ، ئۇلارنى ھەج پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ تۇرۇپ، نومۇس قىلماي مەسچىتى ھەرەمگە قەدەم باسىدىغان بۇ مۇناپىقلارنى مۇسۇلمان دەپ گۇمان قىلغان ئادەم گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئەزىز مېھمانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان بۇ تۈردىكى مۇناپىقلارنىڭ ئورنى دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىكتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى خار قىلسۇن! مۇمىنلەرنى ئەزىز قىلسۇن!»
