بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىدىكى چۆللۈك رايونلىرىدا يادرو ئامبىرىنى قوغداش ۋە قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە غايەت زور كۆلەملىك ھەربىي ئۇل ئەسلىھە تورى بەرپا قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرىگە قارىغاندا، بۇ قۇرۇلۇشلار قومۇلدىكى قىتئەلەر ئارا باللىستىك بومبا (ICBM) ئىسكىلاتلىرى ئەتراپىغا جايلاشقان.
سۈنئىي ھەمراھتىن ئېلىنغان تەسۋىرلەر ئۆتكەن ئالتە يىل ئىچىدە قۇرۇلغان، قومۇل يادرو ئىسكىلاتى بازىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئىككى چوڭ سەككىز بۇرجەكلىك ھەربىي ئەسلىھەنى ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش 80 دىن ئارتۇق بېتون سۇپىنى ئاشكارىلىدى. ئانالىزچىلارنىڭ باھالىشىچە، ئۇلار كۆچمە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش تۈگۈنلىرى ياكى قىتئەلەر ئارا باللىستىك بومبا قويۇپ بېرىدىغان ھەرىكەتچان ئاپتوموبىللار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.
سەككىز بۇرجەكلىك قۇرۇلمىلار ئەتراپىدا يەنە يەر ئاستى ئىستىھكاملىرى، قورال ئامبارلىرى، ئايرودروم ۋە تۆمۈر يول لىنىيەلىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇ يەردىكى چوڭ مۇنارلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ قازانلىرى بۇ يەرنىڭ يادرو مەشغۇلاتىنى كونترول قىلىدىغان قوماندانلىق ۋە ئالاقەمەركىزى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە. مۇشۇ ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدىكى تەسۋىرلەردە بولسا، ئەسلىھەلەر ئەتراپىدا چوڭ تىپتىكى ھەربىي ئاپتوموبىللار قاتناشقان ئاكتىپ مانېۋىرلار ۋە نىقاپلانغان قويۇپ بېرىش نۇقتىلىرى بايقالغان.
بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنىڭ پىكىرىچە، خىتاينىڭ بۇ دەرىجىدىكى زور كۆلەملىك مۇداپىئە ۋە ئالاقە تورى بەرپا قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى — ئامېرىكىدىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان تۇنجى قېتىملىق يادرو زەربىسىدە ئۆز يادرو كۈچلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەن. تەيۋەن مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، بەش بۇرجەك بىنانىڭ مۆلچەرىچە، خىتاي يادرو قوراللىرىنى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان بولۇپ، ھەربىي مۇتەخەسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چۆل-باياۋاندا بەرپا قىلغان بۇ نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق مۇداپىئە ۋە ئالاقە تورىنى «ئادەمنى چۆچۈتىدىغان پەۋقۇلاددە قۇرۇلۇش» دەپ باھالىغان.
