توققۇزاقتىكى بىر مەھەللە باشلىقى: مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرىمىز دېدى، 10 مەسچىتتىن 7 نى چېقىۋەتتى
2016.12.09
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قەشقەر توققۇزاقلىق مۇھاجىر ئابدۇراخمان ھاجى توققۇزاقنىڭ لەنگەر يېزىسىدا كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقىنى يەنى 86 مەسچىتتىن 57 سىنىڭ چېقىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ۋە بۇ ھەپتە بېشىدىكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، مەركۇز يېزىدا بىر قسىم مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، سانى ۋە نىسبىتى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلىشى داۋامىدا، لەنگەر يېزىسىنىڭ ئىككىنچى كەنتىدىكى 10 مەسچىتتىن 7 سىنىڭ چېقىلغانلىقى، ئازنا مەسچىت قاتارلىق 3 مەسچىتنىڭلا ساقلاپ قېلىنغانلىقى دەلىللەندى. يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇ كۆپ سانلىق مەسچىتلەرنى چېقىش ھەرىكىتىنى «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بارغانلىقى ئاشكارىلاندى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگرامراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.