توققۇزاقنىڭ مۇش يېزا ۋە توققۇزاق بازىرىدىمۇ 60 نەچچە مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.12.13
Qaghiliq-nahiyisidiki-Meschit-305.jpg قاغىلىق ناھىيىسىدىكى مەسچىت. 2011-يىلى نويابىر.
RFA/Mehriban

توققۇزاقنىڭ لەنگەر يېزىسىدا 86 مەسچىتتىن  57سىنىڭ چېقىلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز بۇ ناھىيەنىڭ باشقا يېزا بازىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىدى. نەتىجىدە ، «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلغانلىقى دەلىللەندى.

تەۋەلىكتىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇش يېزىسىدىكى 65 مەسچىتتىن 40 نەچچىسى چېقىلغان، توققۇزاق بازىرىدىكى 37 مەسچىتتىن 20 سى چېقىلغان. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق زور بىر بۇزۇش ۋە چېقىش ھەركىتىنى ئاخبارات دۇنياسىدىن يوشۇرۇن تۇتۇلغانلىقى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇ ھەقتە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، ئىبادەت ئورۇنلىرىغا چېقىلىشنىڭ ھەم خەلقئارا قانۇن ھەم ئىنسانىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان مەسچىت چېقىش ھەركىتىنى ۋەھشىي بىر دۆلەت زوراۋانلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى دەپ ئەيىپلىدى. خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ب د ت نىڭ دىن ۋە مەدەنىيەتكە ئالاقىدار بىر قاتار ئەھدىنامىلەرنى دەپسەندە قىلغانلىقى، شۇنداقلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئىسلام دۇنياسىغا بەرگەن ۋەدىلىرىگىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلغان مەمەت توختى ئەپەندى ۋەقەنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تېز ۋە جىددىي ھالدا خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.