كورلادىكى يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقشلىشىمىز داۋامىدا تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئاندىن دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن مىسىردا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇپ كەلگەن رەخمۇتۇللا ئابلىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلغان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇللا قارىھاجى، رەخمۇتللا ئابلىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلىپ، بۇ قېتىم مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارقىتىۋېتىلىش ۋەقەسىنىڭ ئۆزىگە ۋە سابىق ساۋاقداشلىرىغا كۆپ ۋە قىممەتلىك دەرسلەرنى ئۆگەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
كورلادىكى يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا كورلانىڭ قارا يۇلغۇن يېزا ئارابۇغرا كەنتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان چەتئەلگە چىقىپ كىرگەن 13 كىشىدىن بىرىنىڭ مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن رەخمۇتۇللا ئابلىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. بىز رەخمۇتۇللا ئابلىزنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەسىرى ۋە ھاياتىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئالاقىدار كىشىلەردىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
ئەزھەردىن بۇ يىل ئايرىلغان ئىككى سابىق ئوقۇغۇچى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، رەخمۇتۇللا ئابلىز ئىسىملىك بىرىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بۇلتۇر ئايرىلغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇللا قارىھاجى، رەخمۇتۇللا ئابلىزنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارقىتىۋېلىشى ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلدى.
-بۇنداق بىر ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغانكەنمەن. ۋەتەنگە قايتقاندا ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەكتەپتە ئىسمىنى ۋە تۇرالغۇسىنى يوشۇرغان، جامائەتتىن ئۆزىنى چەتكە تارتىپ يۈرگەن بىرمۇنچە ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى؛ ئۇلار سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق، جامائەتتىن ئۇزاق تۇرساق ئامان قالىمىز دەپ خىيال قىلغانلار ئىدى، بۇ يىلقى شامال بۇ خام -خىياللارنى بىكار قىلدى. ئۇ بالا بەلكىم شۇلاردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.
-دېمەك، ئەگەر ئاكتىپراق بىرى بولسا، بولۇپ ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇپ كەلگەن بىرى بولسا تونۇشىڭىز مۇمكىنتى، شۇنداقمۇ؟
-دەل شۇنداق بۇ يىل، ئەزھەردە ئوقۇپ جىم يۈرگەنلا ئەمەس، چەتئەلگە ئويناپ چىققانلارنىڭمۇ ھەممىسى قاماقتا. بۇ يىلقىسى بەك چوڭ ۋەقە بوپ كەتتى، جىق نەرسىلەرنى ئۆگىتەۋەتتى بىزگە. قىسقىسى، ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى، ھاكىمىيەتنىڭ نېمىلىكىنى، دوستنىڭ نېمىلىكىنى، دۈشمەننىڭ كىملىكىنى، ئەنسارىنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقەتەن تونۇپ يەتتۇق. ۋەتەن ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىز جىق كۈرەش قىپتۇ، بەدەل تۆلەپتۇ، ئەمما بىز يېتەرلىك ئويغانماپتۇق. جەمئىيەتتە قوشنىلار ئارا بىر مېتىر پاسىل تالىشىپ ئۆلۈم ۋەقەلىرى كېلىپ چىقتى، مۇشۇنىڭ ئورنىغا خىتايدىن چېگرا تالاشقان بولساق، بېشىمىزغا بۇنچە كۈنلەر كەلمەستى. دېمەك مىسىر ۋەقەسى بىلەن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن چەتئەلدىكى سەرسانلىق ۋە ۋەتەندىكى ۋەزىيەتتىن ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن، بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندەك دەرس ئالدىم، باشقىلارمۇ شۇنداق دەپ ئويلايمەن.
يۇقىرىدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كورلىغا قايتقان رەخمۇتۇللا ئابلىزنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى ۋە بۇ ۋەزىيەتكە ئالاقىدار ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇغىچىسى ئابدۇللا قارىھاجىنىڭ تەسىراتى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
0:00 / 0:00