قېرىنداشلىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي، سىياسىي جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.06.27
qerindashliq-yighini-turkiye-uyghur-islam-305.png قېرىنداشلىق يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Arslan

5 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى تۈركىيىنىڭ دۈزجە شەھىرىگە يېقىن فەنەرباغچە پۇتبۇل كوماندىسىغا قاراشلىق مېھمانخانىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.

بۇ قېىتمقى يىغىندا ئاساسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى چۈشەنچىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا ئېقىملارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر بىرلىكىنى، ئېتىقاد بىرلىكىنى پارچىلاشقان يول ئاچىدىغان بۇ خىل پىكىر ۋە ئېقىملارنىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا ئېقىىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىسلامىي نۇقتىنەزەردىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئوقۇمى توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا، چەتئەللەردىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، تەلەپكە لايىق رەھبەرلىك مەركىزى ئاپاراتى تىكلەش ئۇسۇللىرى قاتارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە سىياسىي ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلىندى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۈگۈنكى يىغىندا، ئۇيغۇر زىيالىي دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار، «بىزدىكى ئىللەتلەر ۋە تۈزىتىش چارىلىرى» دېگەن تېمىدا، سەئۇدىي ئەرەبىسىتان جىددە رادىئوسى تۈركچە بۆلۈم باشلىقى ئابدۇلئەھەد ھاپىز ئەپەندى، «ئىسلامدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئۈممەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك چۈشەنچىسى» دېگەن تېمىدا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرىسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە ئۇنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇل چارىلىرى» دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستېتى تىل، تارىخ، جۇغراپىيە پاكولتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى» دېگەن تېمىدا، جىددە رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوبۇلقاسىم ئەھمەت ئەپەندى، «ۋەتىنىمىزدە تارقىلىۋاتقان پىكرى ئېقىملار ۋە مەزھەبلەر» دېگەن تېمىدا، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىي ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ھەمكارلىشىش توغرىسىدا، ئىستانبۇل شەھەر ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسۇر مەھمەت ئېلى بۈيۈكقارا ئەپەندى، «ئىسلامدىكى مەزھەپلەر ۋە ئىسلامى ھەرىكەتلەر» دېگەن تېمىدا، ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى مەھمەت گۈنەي ئەپەندى، «شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا، سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، «چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن 110 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستاندىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان روزى مۇھەممەد ھاجى ۋە ئامېرىكىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.