شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئىپتار زىياپىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
2014.07.11
2014 - يىلى 10 - ئىيۇل شۋېتسىيە پارلامېنتىدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
مەزكۇر زىياپەتنى ئۇيۇشتۇرغان يېشىللار پارتىيەسى ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنى شۋېتسىيە تاشىقى ئىشلار ۋازارىتىگە مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئىنكاس قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۋېتسىيە ياۋروپادىكى ئەڭ مۆتىدىل ھەممە دىنلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، كۆپ دىن، كۆپ مىللەت، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارىلىشىپ ياشايدىغان دۆلەت بولۇپ، شۋېتسىيەدىكى 3 - ئورۇندا تۇرۇۋاتقان شۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسى ھەر يىلى رامزاندا شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئىپتار زىياپىتى بېرىپ كەلمەكتە.
بۇ قېتىمقى ئىپتار زىياپىتىنى شۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسى نامىدا يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى، ھەمدە پارتىيىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى، شۇنداقلا شۋېتسىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «شۋېتسىيە - ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
شۋېتسىيە پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىملىق ئىپتار بېرىش 2006 - يىلى باشلىغان بولۇپ، 8 يىل مابەينىدە ھەر يىلى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى رامزان ئېيىدا ئىپتار زىياپىتى بېرىپ كەلمەكتە.
2009 ۋە 2012 - يىلى شۋېتسىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن «شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» ئىپتار بېرىپ، ئىپتارغا كەلگەن مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى ئىپتار زىياپىتىگە شۋېتسىيەدىكى بارلىق ئىسلام تەشكىلاتلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. بۇ ئىپتار زىياپىتىگە شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن «شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» ئىدارە ھەيئەتلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
بىز ئىپتار زىياپىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەت قاپلاننى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلدە روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىگە قارىتا ئىنكاسلىرىنى بايان قىلدى.
پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەت قاپلاننىڭ ئىككى قېتىملىق پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ۋاقتى توشقان بولۇپ، ھازىر پارتىيىسىدىن سىتوھخولۇم شەھەر باشلىق ۋە مىنىستىرلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئىدى.
بىز سىز پارلامېنت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، شەھەر باشلىقى ۋە مىنىستىر بولۇپ قالسىڭىز شۋېتسىيە - ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا تەسىر بولامدۇ دېگەن سوئالىمىزغا قارىتا مۇنداق جاۋاب بەردى.
پارلامېنتتىكى ئىپتار زالىنىڭ 120 كىشىلىك ئورۇن مېھمانلار بىلەن تولدى.
ئىپتاردىن كېيىن تۈركىيە «ATV» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن، بۈگۈنكى ئىپتار توغرىسىدىكى تەسىراتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىپتار زىياپىتى بىلەن پەرقلەر توغرىسىدا سورالغان سوئالىغا قارىتا ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ يىلقى رامىزان ئايلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان دىنىي چەكلىمە سىياسىتىنى ئاڭلاتتى.
ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەد بۈگۈنكى ئىپار تەسىراتىنى بايان قىلدى.