ياچېيكا سېكرېتارى داۋۇت ھاشىم: «چوڭقۇرچاق دېھقانلىرى رامىزاندا ھاشارغا ئىشلەۋاتىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.06.30
namaz-din-teshwiqati.jpg خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىن سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ بىرى.
Social Media

ئۆتكەن قېتىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ قەشقەر ۋىلايىتىدە بالىلارنىڭ دىنىي ئۆگىنىشىنىڭ تامامەن تۈگىتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيىسى چوڭقۇرچاق يېزىسىنىڭ سابىق يېزىلىق پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى داۋۇت ھاشىم بۈگۈن يەنە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مارالبېشى ناھىيىسىدە ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىپ كەلگەن ھاجىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ ئۇلارغا مەلۇم ۋاقىت قانۇن ئۆگىتىلگەنلىكىنى شۇنداقلا چوڭقۇرچاق يېزىسىدا رامىزان مەزگىلىدىمۇ ھاشارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چوڭقۇرچاق يېزىسىنىڭ سابىق يېزىلىق پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى داۋۇت ھاشىم ئىلگىرى خىتايدا ئاتالمىش «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، 17-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان كومپارتىيەگە سادىق شەخسلەردىن بىرى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ داۋۇت ھاشىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.