دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا ئامېرىكادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى. ئۇ يەنە زامانىمىزدىكى خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىمەسى. مايسەم خانىمنىڭ بىر ئالىمە ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەبىئىي تەتقىقاتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك رېياللىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرمەكتە.
مايسەم خانىم تەتقىقات خىزمىتىنىڭ شۇنچە ئالدىراشلىقىغا قارىماي، بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بوستۇندىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ يېقىندىن بۇيان بوستۇندىكى خوڭكوڭلۇق، تىبەتلىك ۋە تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى بىرلەشمە نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتىكەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مايسەم خانىم ئۆز پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «مەن پەقەت بىر ئۇيغۇرلۇق قەرزىمنى ئادا قىلىۋاتىمەن. مەن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00