دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسىنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.05.30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسىنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى قاتتىق ئەيىبلىدى.
uyghurcongress.org

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇشتار ئەيسانى ئاتالمىش «تېررورلۇققا تەييارلىق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇشتار ئەيسا 1996-يىلى شىئەندىكى قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاكىسى دولقۇن ئەيسانىڭ «سىياسىي مەسىلىسى» تۈپەيلى خىزمەت تېپىشتا قىينالغان. ئۇ، 1998-يىلى بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ ئېككى يىل كېسىلگەن. كېيىن ئۇ ئۆز ئالدىغا رېستوران ئېچىپ تېرىقچىلىك قىلغان، ئاندىن ئاقسۇدىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.

خۇشتار ئەيسا 2017-يىلى قولغا ئېلىنىپ، لاگېرغا تاشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ئىنىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر ئالالمىغان.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن يەرلىك ساقچى خادىملىرى خۇشتار ئەيسانىڭ لاگېردا ئىككى يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن «تېررورلۇققا تەييارلىق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا نەقىل ئېلىشىچە، دولقۇن ئەيسا ئىنىسىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ مېنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل مۇشۇنداق كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان خەۋەرلەرنى تاپشۇرۇۋېلىشىم. تۇنجى قېتىم ئانامنىڭ 2019-يىلى لاگېردا قازا قىلغانلىقىنى، 2020-يىلى دادامنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇم. مانا ھازىر 2021-يىلى ئىنىمنىڭ ئۆمۈرلۈك كېسىلگەنلىكىنى بىلدىم. خىتاي ھۆكۈمىتى گۆرۈگە ئېلىش دىپلوماتىيەسىدىن پايدىلىنىپ مېنى ۋە ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.»

باياناتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى باشلىغاندىن بۇيان 250 مىڭدىن ئارتۇق شەخسكە جازا ھۆكۈم قىلغان.

د ئۇ ق باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ خىل قىلمىشلارنى ئەيىبلەشكە ۋە خەلقئارا قانۇن ۋە پرىنسىپلارغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.