ئىلياس دوغان: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا دېلوسىنى كېلەر قېتىملىق سوتتا ئۇتۇپ چىقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-06-08
Share
ئىلياس دوغان: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا دېلوسىنى كېلەر قېتىملىق سوتتا ئۇتۇپ چىقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» تۈركىيە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا قويغان تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان دېلو كۆرۈپ چىقىلغان 14-مەمۇرىي سوتى بىناسى ئالدىدا سوت ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىلمەكتە. 2021-يىلى 8-ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا قويغان تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان دېلو ئەنقەرە شەھىرىدىكى بىر مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىدە 8-ئىيۇن كۈنى كۆرۈپ چىقىلغان بولسىمۇ ئېنىق بىر قارار چىقمىدى. سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دولقۇن ئەيسانىڭ ئادۋوكاتى، پروفېسسور ئىلياس دوغان ئەپەندى ئەنقەرەدىكى 14-مەمۇرىي سوتى بىناسى ئالدىدا، سوت ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دولقۇن ئەيسانىڭ 2006-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تۈركىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن دېلو كۆرۈپ چىقىلدى. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپول دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن 1997-يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئىنتېرپول بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى 2018-يىلى بىكار قىلغانىدى. تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىدا بىنائەن چەتئەللىكلەرگە ئەڭ كۆپ 15 يىل كىرىش چەكلىمىسى قويغىلى بولىدۇ. ھازىر 15 يىل توشتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ئىككىنچى قېتىم تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسى قويۇلمىغان. لېكىن بۇرۇن قويۇلغان تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسى تېخىگىچە داۋاملىشىۋېتىپتۇ. مەمۇرىي سوت بىز دولقۇن ئەيسا توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دولقۇن ئەيسا توغرىسىدا بېرىدىغان جاۋابى بولغان بولسا چوقۇم سوت ئارقىلىق دەيتتى. بۇ سوتتا قارار ئېلان قىلىنمىدى. سوتچى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسانىڭ ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت› پەيدا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتلارنى سوتقا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. بىز ئەمدى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سوتنىڭ بۇ تەلەپلىرىگە بېرىدىغان جاۋابىنى كۈتىمىز. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن تەقدىردە ياكى ئىسپات تاپالمىسا بىزنىڭ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالىمىز بارلىقىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن».

ئەنقەرە 14-مەمۇرىي سوتى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ دېلوسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈۋاتقاندا ئۇنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى، ئىيى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بەھىچ چېلىك ئەپەندى، كېلەچەك پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، ئىيى پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل رەھبەرلىرىدىن مەمەتئېلى قارامەمىش ئەپەندى ۋە بېرىل گۈمۈش خانىم، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى. ئۇلار ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندىنىڭ باياناتىدىن كېيىن سۆز قىلىپ دولقۇن ئەيسانى قوللاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ سۆز قىلدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن بايانات بەرگەن د ئۇ ق ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى تۈركىيە ئەدلىيەسىنىڭ ئادىل قارار بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، دولقۇن ئەيسانى كىرگۈزمەسلىكنىڭ نومۇس ئىش ئىكەنلىكىنى، بالدۇرراق بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە كىرگۈزمەس توغرىسىدىكى قارارى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەكتە. بۇ قارارنىڭ قانۇنىي بىر قارار ئەمەس، سىياسىي قارار ئىكەنلىكى ھەر جەھەتتىن ئاشكارىلىنىپ تۇرماقتا. بۈگۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىگە بىمالال بېرىپ، پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان لىدېرىمىز دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنىڭ چەكلىنىشى ھەقىقەتەن تۈركىيە ئۈچۈنمۇ زور نومۇس. بىز شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چەكلىمىسىنى دەرھال بىكار قىلىشىنى، ھۆرمەتلىك دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بالدۇرراق تۈركىيەگە كېلىپ تۈرك خەلقى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ دىدار كۆرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈرك سوتىنىڭ ئادىل قارار بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل».

ئارقىدىن كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا چەكلىمە قويۇلغىلى 15 يىل بولۇپتۇ، قانۇنىي جەھەتتىن مۇددىتى توشقانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە كىرەلىشى كېرەك. چۈنكى دولقۇن ئەيسا بارلىق دۆلەتلەرگە بارالايدۇ. خىتاي بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تراگېدىيە پەيدا قىلماقتا. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تىجارەت مەنپەئەتىڭنى دەپ قان قېرىنداشلىرىڭلارنى ساتماڭلار. خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇڭار، تىجارەت قىلىڭلار، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداڭلار. ئەگەر بۇنداق سىياسەت ئېلىپ بارساڭلار تارىخنىڭ شانلىق بېتىدىن ئورۇن ئالىسىلەر».

ئارقىدىن «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بەھىچ چەلىك ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر ئىنسانلىق مەسىلىسىدۇر. بۈگۈن چوڭ جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلانغان خىتاي بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر پەيتتە سۈرىيەدىن كەلگەن 5 مىليون پاناھلانغۇچىغا قۇچىقىنى ئاچقان تۈركىيە نېمە ئۈچۈن بىر دولقۇن ئەيسانى كىرگىلى قويمايدۇ؟ بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سوتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىسى پارتىيەمىزگە كېلىپ ‹ئۇ يەردە زۇلۇم يوق› دېگەن ۋاقتىدا بىز ئۇلارغا ‹ئۇنداق بولسا بىز ھەيئەت تەشكىللەپ بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ باقايلى› دېدۇق، لېكىن بۇ تەلىپىمىزگە جاۋاب بەرمىدى».

مەتبۇئات باياناتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ۋەخپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى ئورتاق تەييارلىغان مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندىگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ دولقۇن ئەيسانى قوللاپ سوت بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدىنىڭ دولقۇن ئەيساغا قويۇلغان تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئابدۇخەمىت قاراخان ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قويۇلغان چەكلىمىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قويۇلغانلىقىنى، سىياسىي ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت خالىسا دەرھال بىكار قىلالايدىغانلىقىنى، ئىككى ئايدىن كېيىن بولىدىغان سوتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2008-يىلى دولقۇن ئەيسانىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دېگەننى باھانە بىلەن تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلىگەن. ئۇنىڭ 2016-يىلى 10-ئايدا تۈركىيەگە كىرىشىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت