دولقۇن ئەيسا ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى رىچارد گرېنېل بىلەن كۆرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.07.04
Richaed-Grenell-Dolqun-Eysa-.jpg د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى رىچارد گرېنېل ئەپەندى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى. 2019-يىلى 3-ئىيۇل، بېرلىن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېرلىندا ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى رىچارد گرېنېل ئەپەندى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن 3-ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا پايتەخت بېرلىنغا بېرىپ، باش ئەلچى رىچارد گرېنېل ئەپەندى بىلەن بىر سائەتكە يېقىن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

سۆھبەت مۇقەددىمىسىدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكا باش ئەلچىسىگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە نۇقتىلىق ھالدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى شۇنداقلا د ئۇ ق توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. باش ئەلچى سۆزىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئۆزىگە ناتونۇش ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەتتە بولىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

دولقۇن ئەيسا بۇ سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا رەھبەرلىرىگە ئۆزىنىڭ د ئۇ ق ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ھەم جازا لاگېرلىرىغا قارشى مۇئامىلىسىنىڭ يالغۇز ئېغىز ھەرىكىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي خىتاينى جازالايدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىنى شۇنداقلا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باش ئەلچى رىچارد ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ھالقىتىپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە كۆتۈرۈپ چىقىش د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشى قىيىن پىلانلىرىدىن بىرى ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشقان. بۇ قېتىمقى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ئامېرىكا باش ئەلچىسى رىچارد ئەپەندى «7-ئاينىڭ 2-كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىپ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش توغرىسىدا خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەنلىكى» نى ئاشكارىلىغان.

سۆھبەت خاتىمىسىدە باش ئەلچى رىچارد ئەپەندى ئۆزىنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئىزچىل كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 243-يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىمۇ بۇ كۈننى چوڭ مۇراسىم بىلەن خاتىرىلەيدىكەن. مۇراسىمغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، دىپلوماتلار، دۆلەت ئەربابلىرى قاتنىشىدىكەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ مۇراسىمغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇراسىمدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.