دۆربىلجىندىكى بىر تۇتقۇننىڭمۇ يەر ئاستى لاگېردا يېتىپ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2023.05.11
لاگېر تۈرمە كامېرا ئاتالمىش «كەسپىي مائارىپ مەركىزى» دېيىلىۋاتقان قايتا تەربىيەلەش لاگېرى بىناسىنىڭ سىرتقى تېمى.2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

مارالبېشىدا قۇربان نۇر ئىسىملىك بىر تۇتقۇننىڭ كۆزى كۆرمەس ھالەتتە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئوقۇتقۇچى يالقۇن تۇرسۇننىڭمۇ دۆربىلجىندىكى تۈرگۈن لاگېرىدىن كۆزى كۆرمەس بولۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، يالقۇن تۇرسۇننىڭ كۆزى ساقايماي تۇرۇپ، ئۆتكەن ئايدا قايتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.

 بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، مەلۇم بىر دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يالقۇن تۇرسۇن ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە لاگېردا بىر يىلچە ياتقاندىن كېيىن، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىپ قويۇپ بېرىلگەن. بىز يالقۇن تۇرسۇن ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال دۆربىلجىن ناھىيەلىك ساقچى قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم يالقۇن تۇرسۇن ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ ئىزچىل سورالغان سوئاللىرىمىزدىن كېيىن، يالقۇن تۇرسۇننىڭ دېلوسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە دېلوغا مەسئۇل بولغان ئالاقىدار خادىمنىڭ تېلېفونىنى تەمىنلىدى.

 ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئىنكاسىدا، يالقۇن تۇرسۇننىڭ دۆربىلجىننىڭ تۈرگۈن يېزىسىدىكى لاگېردا ياتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. دۆربىلجىن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمىمۇ دەسلەپتە تۈرگۈندىكى لاگېر ۋە تۇتقۇن يالقۇن تۇرسۇن ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئارقىدىن، بۇ خادىممۇ يالقۇن تۇرسۇننىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئىنكاستىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىدىن بېشارەت بەردى.

 قولىمىزدىكى ئىنكاستا، يالقۇن تۇرسۇننىڭ ئەسلى يۇرتى قاراماي ئىكەنلىكى، ئەسلىدە دۆربىلجىندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. دۆربىلجىندىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىدىن بىرى يالقۇن تۇرسۇن كۆزى كۆرمەس بولۇپ قويۇپ بېرىلىپ 3 ئايدىن كېيىن، يەنى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئاۋۋال قايتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يالقۇن تۇرسۇن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئارخىپىدىن يەنە يېڭى گۇمانلىق مەسىلىلەر بايقالغان. دېيىلىشىچە، يالقۇن تۇرسۇن بىر يىلچە ياتقان تۈرگۈن لاگېرى، يەر ئاستىغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قىلمىشى نىسبەتەن ئېغىر دەپ قارالغان ياش ۋە ياشراق تۇتقۇنلار قامالغان. مەزكۇر ساقچى خادىم يالقۇن تۇرسۇننىڭ 45 ياش چامىسىدا ئىكەنلىكى ۋە ئۇ ياتقان يەر ئاستى لاگېرىدا پەقەتلا بىر تۈڭلۈك بارلىقى ۋە دېرىزە يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى.

ئالدىنقى كۈنىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىمۇ، مارالبېشىدىكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن تۇتقۇن قۇربان نۇرنىڭ كۆزى كۆرمەس ھالەتتە قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.