دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا 12 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بىر قاتار تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 تەك ئۇيغۇر جامائىتى ئاۋسترالىيە پايتەختى كامبېرا شەھىرىگە جەم بولۇپ نامايىش قىلغان. ئۇلار يەنە ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى، لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن پېتېر دۇتتون (Peter Dutton)، لىبېرال پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جەيمىس پاتېرسون (James Paterson)، پارلامېنت ئەزاسى ئاندرېۋ خاستې (Andrew Hastie)، كايلېيا تىنك ( Kyle’a Tink) قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەەتتىكى جىددىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، لوندوندىكى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ قارارى چىققاندىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تېخى تونۇمىغان پارلامېنتلارغا ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاڭلىتىپ ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ خۇسۇستا ئىككى نەپەر لاگېر شاھىتىنى ئېلىپ، د ئۇ ق ھەيئىتى ئاۋسترالىيەگە كەلدۇق.»
ئاۋسترالىيە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ باش كاتىپى ھەلىمە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا سۇنغان تەلەپلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئاساسلىق 3 ئىشنى تەلەپ قىلدۇق. بىرىنچىسى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە بولۇۋاتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى، ئىككىنچىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇرۇن بۇ قانۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. لېكىن يوقۇرى پالاتادىن ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ، تۆۋەن پالاتادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتىدا ھۆكۈمەت چۈشۈپ كېتىپ، سايلامدىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەن ئىدى. بىز بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىنى قايتا تەلەپ قىلدۇق. ئۈچىنچىسى، ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن قىلىپ قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم ئاۋستراليە پارلامېنتىدا ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئۇچرىشلار ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تەلەپلەرنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاۋسترالىيەدىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا، سىدنېي، مېلبورۇن ۋە ئادېلايد قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن كەڭ-كۆلەمدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە، يەرلىك پارلامېنت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.